نورۋېگىيىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن مىللى تەلىم – تەربىيە سىنىپلىرى ئېچىلدى

0:00 / 0:00

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ، ئانا تىل بىر مىللەتنىڭ ئەڭ روشەن مىللى خاسلىقى ۋە مىللى مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىدۇر. شۇڭا ئانا تىلىمىزنى قوغداش مىللەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ باش تارتىپ بولماس مىللى بۇرچى ۋە مەجبۇرىيىتى ھېسابلىنىدۇ.

نۆۋەتتە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ،ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلىمىزنى ئۇنتۇشى، شۇنىڭدەك،دىن ۋە مىللى ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزدىن يىراقلىشىشتەك ئورتاق بىر مەسىلىگە دۇچ كەلمەكتە ھەمدە بۇنىڭدىن ساقلىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىلىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نورۋېگىيىگە كېلىپ يەرلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ خىل مەسىلىگە دۇچ كەلگەن. چۈنكى ھازىر نورۋېگىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە كىچىك بالىلار ۋە تېخى قورامىغا يەتمىگەن ئۆسمۈرلەرنىڭ سانىلا 100 دىن ئاشىدۇ. بۇلار بالىلار باغچىلىرى ۋە مەكتەپلەردە يەرلىك بالىلار بىلەن بىرگە ئوقۇش ۋە ئويناش داۋامىدا، ئۇلار بىلەن كۈن بويى نورۋېگىيە تىلىدا ئالاقىلىشىدان بولغاچقا، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن، بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيدىغان يەنە بەزىلىرى ئۆز مەقسىتىنى ئۇيغۇرچە راۋان ئۇقتۇرۇپ بېرەلمەيدىغان ياكى بولمىسا ئۇيغۇرچىنى بۇزۇپ سۆزلەيدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللىنىشكە باشلىغان.

ئۇنىڭدىن سىرت بالىلارنىڭ سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىدە دىنىمىزغا، مىللى ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزگە يات ئادەت ۋە قىلىقلارنى تىزلا يۇقتۇرۋەلىشىمۇ ئاتا – ئانىلارنى خاتىرجەمسىز قىلىپ، جامائەتچىلىك ئارىسىدا ئانا تىل ۋە مىللى ئەنئەنە تەربىيىسىنى يولغا قويۇش ھەققىدە تەلەپلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى مۇشۇ خىل زۆرۈرىيەت ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ جىددى تەلىپىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ يىل ئەتىياز ئۆز قارمىغىدا مىللى تەلىم – تەربىيە بۆلۈمى تەسىس قىلىپ دىنىي تەربىيىچى كېرەم قارىمنى بۆلۈم مەسۇللىقىغا تەيىنلىگەن ئىدى.

يېقىندا نورۋېگىيىنىڭ ئۇيغۇرلار بىرقەدەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بېرگىن ۋە ستاۋانگىر شەھەرلىرىدە ئارقا – ئارقىدىن مىللى تەلىم – تەربىيە سىنىپلىرى ئېچىلىپ رەسمىي ئىش باشلىدى. تەلىم – تەربىيە سىنىپلىرىنىڭ بېرگىندىكى مەسۇللىقىنى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى مىللى تەلىم – تەربىيە بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى كېرىم قارىم، ستاۋانگىردىكى مەسئۇللۇقىنى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ستاۋانگىر رايونىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئېليار ھاجىم ئۆز ئۈستىلىرىگە ئالغان بولۇپ، بەش ياشتىن تارتىپ 18 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر بالىلىرى ھەر يەكشەنبە كۈنى بىر يەرگە جەم بولۇپ، يېشى ۋە سەۋىيىسىگە قاراپ ئانا تىل، تارىخ ۋە دىنى ئىلىملەر بويىچە دەرس ئېلىشقا باشلىغان.

ئىلگىرى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئۆز-ئارا بىر –بىرى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى كەم ئىدى، مىللى تەلىم – تەربىيە سىنىپلىرىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئۇلار ھەر ھەپتىدە بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئوزئارا تونۇشۇش ۋە ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن، بۇ ئەھۋال ئاتا – ئانىلارنىمۇ، پەرزەنتلەرنىمۇ ئىنتايىن خوشال قىلغان.

ئىگىلىشىمىزچە،بۇ خىل تەلىم – تەربىيە سىنىپلىرى نورۋېگىيىنىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئوسلو ۋە باشقا جايلىرىدىمۇ پات يېقىندا ئېچىلماقچى ئىكەن.