خىتاي ھۆكۈمىتى كىتاب نەشر قىلىش ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى


2007-02-15
Share

خوڭكوڭ خۇا’نەن گېزىتىدە بېرىلگەن مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيە مەركىزى تەشۋىقات مىنىستىرلىقى يېقىندا مەملىكەت ئىچىدىكى بارلىق نەشرىيات ئورگانلىرىدا، يېڭى تۈرلۈك "نومۇر تارتىش" بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. مەزكۇر بەلگىلىمە بويىچە، ھەرقانداق مەتبۇئاتقا جەمى 12 نومۇر بېرىلىدىغان بولۇپ، ئەگەر مەزمۇن جەھەتتە مەركىزىي كومپارتىيىنىڭ پرىنسىپى ۋە يوليورۇقىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يەرلەر بولىدىكەن، دەرىجە بويىچە نومۇر تارتىلىدىكەن. بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئورگانلىرى تەشۋىقات مىنىستىرلىقى ۋە نەشرىيات ئورۇنلىرىدىكى خادىملاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ نومۇر تارتىش ئۇسۇلى 1، 3، 6 ۋە 12 نومۇردىن تارتىلىدىغان 4 خىل دەرىجە بويىچە بولىدىكەن. جازالاش ئۇسۇلى بولسا، ئىچكى جەھەتتىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش، مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىملارنى خىزمەت ئورنىدىن يۆتكەش ئىكەن، شۇنداقلا ئەگەر بېرىلگەن 12 نومۇرنىڭ ھەممىسى تارتىلىپ كەتسە، مەزكۇر گېزىت، ژورنال ۋە كىتابلار نەشر قىلىنىشتىن پۈتۈنلەي توختىتىلىدىكەن. كۆپلىگەن ئانالىزچىلار كومپارتىيە مەركىزىي تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى بارلىق نەشرىيات ئورگانلىرىدا ئىجرا قىلماقچى بولۇۋاتقان بۇ خىل ' نومۇر تارتىش' بەلگىلىمىسىنى "خەلقنىڭ سۆزلەش ئەركىنلىكىنى بوغۇش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان تېخىمۇ رەزىل بىر ئۇسۇلى"، دەپ بىلدۈرمەكتە.

"بىز ئەلۋەتتە مەركىزى تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىش بېجىرىمىز"

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بېيجىڭ ياشلار گېزىتى ئىشخانا مەسئۇلى مەزكۇر نەشرىيات ئورنىنىڭ ھەر زامان تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنىڭ يوليورۇقى بويىچە ئىش بېجىرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، نەشرىيات خىزمىتىدە، ھىچ قاچان كومپارتىيە مەركىزى تەشۋىقات مىنىستىرلىقى بەلگىلەپ بەرگەن دائىرىدىن چەتنەپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى:

"بىز ئەلۋەتتە مەركىزى تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىش بېجىرىمىز. ھازىرچە بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىنچىكە بولغان تەپسىلىي بەلگىلىمىلەر تېخى يېتىپ كەلمىدى. نومۇر تارتىش بەلگىلىمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر قىسىم ئۇقتۇرۇشلارنى تېخى تاپشۇرۇپ ئالمىدۇق".

بىز يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى "شىنجاڭ گېزىتى"، "شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى " قاتارلىق مەتبۇئات ئورۇنلىرىغىمۇ تېلېفون قىلىپ، بۇ ھەقتىكى ئەھۋالنى ئىگىلىمەكچى بولغان بولساقمۇ تېلېفون ئېلىنمىدى. لېكىن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكىدىن نەچچە ھەسسە قاتتىق بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن سۆزلەش ۋە ئەركىن پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى پۈتۈنلەي دەپسەندە قىلىنغان.

خۇانەن ئەتتىگەنلىك گېزىتى مەتبۇئات ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ سۆزىنى بايان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەزكۇر گېزىت خانىنىڭ نومۇر تارتىش ئارقىلىق جازالاش دېگەندەك بەلگىلىمىلىرىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنلىرىدىن تېخى تولۇق خەۋەردار بولمىغىنى بىلەن، يۇقىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

ئولىمپىك يىغىنىغا "تەييارلىق"

خۇانەن ئەتتىگەنلىك گېزىتىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇلتۇردىن بۇيان، مەزكۇر جايدا ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي ۋەقەلىرى ئارقا -ئارقىدىن يۈز بەرگەچكە، ھۆكۈمەت مەزكۇر مەتبۇئات ئورنىدىكى بىر قىسىم تەھرىرلەرنى خىزمەتتىن يۆتكىۋەتكەن ھەمدە مەزكۇر رايوندىكى ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنىڭ مۇلاھىزە مەيدانىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.

ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى نومۇر تارتىش بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇشنىڭ ئۆزى بۇ يىل كۈز پەسلىدە ئېچىلماقچى بولۇۋاتقان كومپارتىيە ۋەكىللەر يىغىنى ۋە 2008 ‏- يىلىدىكى ئولىمپىك يىغىنىغا ماسلىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەت بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 1 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنىدىن باشلاپ، چەتئەل مەتبۇئات خادىملىرىنىڭ خىتايدا ئەركىن زىيارەت قىلىشى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسىنىڭ ئىجارا قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. لېكىن مەزكۇر بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىپ بىر يېرىم ئاي بولار - بولمايلا، مەملىكەت ئىچىدىكى مەتبۇئاتلارنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشقا باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىك مەسىلىسى ھەققىدە، بۇ خىل بىر تەرەپتىن خەلقئاراغا ۋەدە بېرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز خەلقىنىڭ سۆزلەش ۋە پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىنى بوغۇش قىلمىشى كىشىلەرنىڭ قاتتىق نەپرىتىنى قوزغىماقتا. (مېھرىبان)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت