ئۇيغۇرلاردا نىكاھ ئۇقۇمى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمان خەلق. ئۇلار توي - تۆكۈنلىرىنى ئىسلامىي نىكاھ ئەنئەنىسى بويىچە ئېلىپ بارىدۇ ۋە نىكاھنىڭ مۇقەددەسلىكىگە چوڭقۇر ھۆرمەت قىلىدۇ. نىكاھ ئەر بىلەن ئايالنىڭ بىر بىرىدىن ئورتاق مەنپەئەتلىنىش مەقسىتىدە بەختلىك بىر ئائىلىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىكىكىسىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئەر ئاياللىق مۇناسىۋىتىنىڭ باغلىنىشى دېمەكتۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "ئاياللار بىلەن ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ئاراڭلاردا (يەنى ئەر خوتۇن ئارىسىدا) مېھىر مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلىرىدىندۇر. پىكىر يۈرگۈزىدىغان قوۋم ئۈچۈن، شەك شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر باردۇر." (رۇم سۈرىسى 21 ئايەت)

نىكاھنىڭ شەرتلىرى

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئالىم مۇھەممەد نىياز ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

نىكاھنىڭ دۇرۇس شەكىلدە باغلىنىشنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1. ئەر ئايال ئىككىسىنىڭ رازىلىقى

نىكاھنىڭ دۇرۇس باغلىنىشى ئۈچۈن نىكاھلانماقچى بولغان ئەر بىلەن ئايال ئىككىسىنىڭ رىغبىتى ۋە ئۇلارنىڭ رازىلىقى شەرتتۇر. مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن ھېچكىمنى ئۆزى خالىمىغان بىرسى بىلەن نىكاھلىنىشقا زورلاشقا بولمايدۇ. ئىنسانلار تۇرمۇش قورۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىگە جور تاللاشتا مۇتلەق ئەركىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: "چوكان ئۆزىنىڭ نىكاھ ئىشلىرىغا ئىگە بولۇشتا ئاتا ئانىسىدىن ھەقلىقتۇر. قىزنىڭ رايى سورىلىدۇ. ئۇنىڭ سۈكۈت قىلغىنى ماقۇل كۆرگەنلىكىدۇر." (مۇسلىم رىۋايىتى)

2. گۇۋاھچىلارنىڭ ھازىر بولۇشى

نىكاھنىڭ دۇرۇس باغلىنىشى ئۈچۈن نىكاھ ئوقۇلغان ئورۇندا ئىككى مۇسۇلمان ئەر گۇۋاھچىنىڭ ھازىر بولۇشى شەرتتۇر. ئىككى ئەر گۇۋاھچى تولۇق تېپىلمىغان شارائىتتا، بىر ئەر، ئىككى ئايال بىرلىكتە گۇۋاھلىققا ھازىر بولۇشى لازىم. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "سىلەر ئەر كىشىڭلاردىن ئىككى كىشىنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار. ئەگەر ئىككى ئەر كىشى يوق بولسا، سىلەر (ئادالىتىگە ، دىيانىتىگە) رازى بولىدىغان كىشىلەردىن بىر ئەر، ئىككى ئايالنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار." (بەقەرە سۈرىسى 282 ئايەت)

نىكاھقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار

نىكاھتىن كېيىن تۆۋەندىكى ئۈچ نەرسە بەلگىلىنىدۇ:

1. مېھىر

مېھىر نىكاھ سەۋەبى بىلەن ئەرنىڭ ئايالىغا بېرىشكە تېگىشلىك بولغان مەلۇم مىقداردىكى ماددىي ھەق (پۇل) دېمەكتۇر.

مۇھەممەد نىياز ھاجىم مۇنداق دىدى: " مېھىر بېرىشنى ئەر ئايال ئىككىسى تويدىن بۇرۇن شەرت قىلغان بولسۇن، ياكى شەرت قىلمىغان بولسۇن ھەر ھالەتتە ئەر كىشىنىڭ ئۇنى نىكاھتىن كېيىنلا ئايالىغا نەق ياكى يېرىمىنى نەق، يېرىمىنى نېسى بېرىشى لازىم.

مېھىرنىڭ مىقدارى: مېھىر مىقدارىنىڭ ئاز كۆپلىكىنىڭ چېكى يوقتۇر. مېھىر پەقەت ئەرنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتىغا قاراپ بولىدۇ. تويدىن بۇرۇن ئەر تەرەپ بىلەن ئايال تەرەپ ئۆزئارا پۈتۈشكەن مېھىر مىقدارى ھېسابقا ئېلىنىدۇ. ئەگەر تويدىن بۇرۇن ئايال كىشىگە مېھىر بېرىشنى پۈتۈشمىگەن بولسا، ياكى پۈتۈشكەن بولسىمۇ ئۇنىڭ مىقدارىنى تەيىنلىمىگەن بولسا، بۇ ھالەتلەردە ئەر كىشى ئايالىغا شۇ شەھەردە ئادەت بولۇپ ئېقىۋاتقان مېھىر مىقدارىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە مېھىر بېرىدۇ. چۈنكى مېھىر ئايال كىشىنىڭ نىكاھ سەۋەبى بىلەن بەلگىلەنگەن تەبىئىي ھەققىدۇر. مېھىر مىقدارىنىڭ ئاددى، يېنىك بولغىنى ياخشىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋسىيەسىمۇ مېھىرىنى ئېغىر قىلىۋېتىپ توينى قىيىنلاشتۇرۇپ قويماسلىقتۇر. مېھىر پۇل مال بېرىش بىلەن ئادا تاپقىنىدەك، مەنىۋى مەنپەئەت بىلەنمۇ ئادا تاپىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ساھابىنى ئۇ كەمبەغەل بولغاچقا، ئۇنىڭ ئايالىغا بېرىدىغان مېھىرى بەدىلىگە، ئايالىغا قۇرئان ئۆگىنىشىنى شەرت قىلىش بىلەن ئۆيلەندۈرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان.

2. نەفەقە

نەپىقە ئەركىشىنىڭ تويدىن كېيىن ئايالىنىڭ يېمەك ئىچمەك، كىيىم كېچەك ۋە باشقىمۇ بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجلىرىنى قامداش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇنى ئىجرا قىلىشى دېمەكتۇر.

ئەر كىشى ئەگەر ئايالىنىڭ يۇقىرىقى چىقىملىرىغا بېخىللىق قىلىپ ئۇنى جايىدا ئادا قىلمىسا، ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولىدۇ. بۇ ھالەتتە ئەگەر ئايالى ئۇنىڭ ئىقتىسادىدىن ئۆزىنىڭ ھاجىتىگە يېتەرلىك مىقدارنى ئۇنىڭغا كۆرسەتمەستىن ئالسىمۇ، ئۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى ئايال كىشىنىڭ بارلىق چىقىملىرى ئېرىنىڭ زىممىسىدىدۇر. بۇھەقتە، ئەبۇ سۇفياننىڭ ئايالى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا، ئېرىنىڭ باي تۇرۇپ بېخىللىق قىلىپ ئۇنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ چىقىملىرىنى تولۇق ئورۇنلاپ بەرمىگەنلىكىدىن شىكايەت قىلغان ھالدا، قانداق قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭغا، "ئانداقتا، ئۆزىڭىز ۋە بالىلىرىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا يېتەرلىكىنى ئېرىڭىزگە كۆرسەتمەستىن ئالسىڭىز بولىدۇ." دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان.

3. مىراس

مىراس بىراۋ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ مال دۇنياسى ۋە باشقىمۇ ماددىي مەنپەئەتلىرىنىڭ ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا يۆتكىلىشى دېمەكتۇر. قانداقلا بىر كىشى بىر ئايالغا نىكاھلىنىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر بىرىدىن مىراس ئېلىش ھوقۇقى بەلگىلەنگەن بولىدۇ.

مىراس بىراۋ ئۆلگەندىن كېيىن ئېلىنىدۇ. يەنى ئەر ئاياللاردىن قايسىسى بۇرۇن ۋاپات بولسا، كېيىنكىسى ئۇنىڭ مىراسىنى ئالىدۇ. ھەتتا نىكاھلىنىپ بىر بىرىگە يېقىنلاشماستىن بىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، كېيىنكىسى ئۇنىڭ مىراسىنى ئالىدۇ.(توختى)