نىلقا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دېھقانلارغا داۋاملىق خىزمەت ئىشلىمەكتە

0:00 / 0:00

ئالدىنقى قېتىم، رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لىنىيىسىگە تېلېفون ئاچقان بىر ئۇيغۇر، نىلقا ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ 7 مىڭ مودىن ئوشۇق بىنەم يەرنى غەربىي تەڭرىتاغ ئورمان رايونىغا بۆلۈپ بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن، بۇنىڭغا نارازى بولغان نىلقا دېھقانلىرىنىڭ بۇ يىل مەزكۇر جايلاردا ئۆز ئالدىغا تېرىقچىلىق ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلىرىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن نىلقا ناھىيىسىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلاشتۇق. نىلقا ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى نۇردان بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.