نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ئال گورغا بېرىلدى


2007.10.12

AlGore-Nobel-200.jpg
سابىق ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ئەل گور ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت مەسىلىلەر كومىتېتى دۇنيا كىلىماتى ئۆزگىرىشى تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا بېرىلدى. AFP Photo

بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنتى، ئال گورغا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت مەسىلىلەر كومىتېتى دۇنيا كىلىماتى ئۆزگىرىشى تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا بېرىلدى.

ب ب س رادىئوسىدا نوبېل كومىتېتىنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر مۇكاپات ئال گور ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى تەتقىقات كومىتېتىغا، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەت كەلتۈرۈپ چىقارغان كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارىتا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە تارقاتقان ئۇچۇرلىرى ئۈچۈن بېرىلگەن ئىكەن.

" قۇلايسىز ھەقىقەت" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمى بۇلتۇر ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن

بۇ يىل 59 ياشقا كىرگەن ئال گور بۇرۇن بىل كلىنتون ھۆكۈمىتىدە مۇئاۋىن پرېزىدېنت بولۇپ ئىشلىگەن بولۇپ، 2001- يىلى ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان جورج بۇش بىلەن پرېزىدېنتلىق رىقابىتىدە يېڭىلىپ قالغان ئىدى. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن سايىسىدىن قولى ئۇزۇن ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزى باش بولۇپ دۇنيا ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن بولغان ئاپەتلەر ھەققىدە ئىشلەپ چىققان " قۇلايسىز ھەقىقەت" دېگەن ھۆججەتلىك فىلىمى بۇلتۇر ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى.

ئال گور مەزكۇر فىلىمدە ئىنسانىيەتنى دۇنيا ھاۋا كىلىماتىدىكى غەلىتە ئۆزگىرىشلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ سەگەك بولۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلغان ۋە ئىلمىي پاكىتلار ئارقىلىق يەر شارى ھاۋا كىلىماتىدا ئىسسىپ كېتىش ھادىسىسى مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر بۇ ھەقتە ھازىر دەرھال تەدبىر ئېلىنمىسا بۇنىڭ كەلگۈسىدە ئىنسانلارغا مۆلچەرلىگۈسىز بالايىئاپەت ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى شەرھلىگەن.

نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى: ئال گور ھەققىدە توختىلىپ "ئۇ يەر شارى خاراكتېرلىك كىلىمات ئۆزگىرىشىگە نىسبەتەن چوقۇم چارە قوللانمىسا بولمايدىغانلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا ھېس قىلدۇرۇشتا ئەڭ كوپ ھەسسە قوشقان ئادەم" دېدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى تەتقىقات كومىتېتىمۇ نوبېلغا ئېرىشتى

بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئال گور بىلەن بىرلىكتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى تەتقىقات كومىتېتىغا بېرىلگەن بولۇپ، مەزكۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆزىنىڭ ھەيران قالغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ھېرالد مۇنبىرى ژۇرنىلىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى تەتقىقات كومىتېتىنىڭ رەئىسى راجەندرا پاچۇرىنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، پاچۇرى ئۆزىنىڭ ھەيران قالغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ "مەن قۇلىقىمغا ئىشەنمەي قالدىم. ھەيران قالدىم" دېگەن.

بۇ يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇھىت ئۆزگىرىش تەتقىقات كومىتېتى يەر شارى خاراكتېرلىك ئىسسىپ كېتىش ھەدىسىسى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر دوكلاتتا، 50 يىلدىن بېرى شەكىللىنىشكە باشلىغان يەر شارى خاراكتېرلىك ئىسسىپ كېتىش ھادىسىنىڭ 90 پىرسەنتىنى ئىنسانىيەت كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.

رابىيە قادىر خانىم: "ئۇيغۇر داۋاسى نوبېل مۇكاپاتى نامزاتلىق بوسۇغىسىغا ئېلىپ كېلىندى"

نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانچىلىك يىراقلىقتا؟ بۇنىسى بىزگە تېخى نامەلۇم. ئەمما 2005-، 2006- ۋە 2007- يىللىرى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۇدا ئۈچ قېتىم نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ھەر ئۈچلا قېتىم نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئۇيغۇرلارغا نېسىپ بولمىدى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ھەر قېتىم نوبېل مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەندە پۈتۈن دۇنيادىكى تىنچلىق سۆيەر كىشىلەرنىڭ رابىيە خانىمنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشنى تىلىگەنلىكىنى، گەرچە ئۇيغۇر خەلقىگە بۇ بەخت نېسىپ بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشى بىلەن ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ يەنە بىر قېتىم دۇنيا سەھنىسىدە تىلغا ئېلىنغانلىقىدىن ئۆزىنى يەنىلا بەختلىك ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، بۇ نۆۋەتلىك نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئال گور ئەپەندىگە بېرىلگەنلىكىدىن خۇشال بولىدىغانلىقىنى ھەم ئۇنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

رابىيە قادىر خانىم: " ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ماڭا بېرىلگەن نوبېل مۇكاپاتى"

رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك نوبېل مۇكاپاتىغا ئۆزىنىڭ ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن ھېچقانداق ئۈمىدسىزلىك ھېس قىلمايدىغانلىقىنى ئەكسىچە پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ ئاخىرىدا، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، ھۆر- ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئۆزىگە بېرىلگەن نوبېل مۇكاپاتى دەپ تونۇيدىغانلىقىمنى بىلدۈردى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.