نورۋىگىيىدىكى نوبېل سارىيىدا ئۇيغۇرلارغا دائىر ماتېرىياللار كۆرگەزمىگە قويۇلدى


2007.09.26

25 ‏- سېنتەبىر كۈنى نورۋېگىيىنىڭ ئوسلو شەھىرىدە نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتى ۋە باشقا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن سىياسىي تەقدىرى خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقان مىللەتلەرنىڭ سىياسىي ئەھۋالى ۋە مەشھۇر سىياسىي شەخىسلەر تونۇشتۇرۇلغان كۆرگەزمە نوبېل سارىيىدا رەسمىي باشلاندى.

بۇ كۆرگەزمىگە نورۋېگىيىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى پارتىيىلەرنىڭ لىدېرلىرى، سىياسىي ئەرباپلار ۋە ھەرقايسى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ خادىملىرى تەكلىپ بىلەن قاتناشقاندىن سىرت ، نورۋىگىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىنمۇ بىرقىسىم ۋەكىللەر قاتناشقان.

كۆرگەزمىگە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋاللىرىغا دائىر ماتېرىياللار قويۇلغاندىن باشقا ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ رەسىملىرى ۋە ئاتاقلىق سەنئەتكار مەرھۇم كۆرەش كۈسەننىڭ ناخشىلىرىمۇ قۇيۇلغان . كۆرگەزمىگە قاتناشقان ئۆمەر ھاجىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ بۇ پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. (يالقۇن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.