خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى نۇپۇس قۇرۇلمىسىدىكى تەڭپۇڭلىقنى بۇزماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، خىتاي نوپۇسى 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى بىر مىليارد 300 مىليونغا يېتىدۇ. خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى خىتاي نوپۇسىنىڭ ھازىرقى سانغا يېتىشىنى 4 يىل كېچىكتۈردى، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتايدا تۇغۇلۇش نىسبىتى 1990 - يىللاردا ھەر مىڭ ئادەمگە 21 بوۋاق توغرا كەلگەن بولۇپ، بۇ سان 2003 - يىلى مىڭدە 12 گە تۆۋەنلىگەن. بۇ ئەھۋالدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇس قۇرۇلمىسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان مەسىلە بولۇپ قالغان. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ بۇ ھەقتىكى پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.