
6-ئاۋغۇست كۈنى خىتاينىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىدە، غەربىي شىمال رايونلارنىڭ نوپۇس ۋە تەرەققىيات مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، بۇ يىغىننى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا ۋە چىڭخەي قاتارلىق جايلارنىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى تەشكىللىگەن.
غەربىي شىمالدا نوپۇس تىز كۆپەيگەن
مەزكۇر يىغىندا، خىتاي دۆلەت پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېيچىن مەخسۇس نۇتۇق سۆزلىگەن. جاڭ ۋېيچىن سۆزىدە " ھازىر غەربىي شىمال رايونىنىڭ نوپۇس كۆپىيىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. مەزكۇر رايوندىكى نوپۇسنىڭ بۇنداق تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى، بۇ جاينىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق، بايلىق ۋە مۇھىتىغا زور بېسىم ئېلىپ كەلمەكتە" دېگەن.
پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېيچىن سۆزىدە يەنە : " غەربىي شىمال رايونلىرىدىكى نوپۇسنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئەزەلدىن ئالدىنقى ئورۇندا بولۇپ، بۇ رايونلاردىكى ئىقتىسادىي كۈچ نوپۇسقا نىسبەتەن ئاجىز بولغان. نوپۇسنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى بىلەن ئىقتىسادىي جەمئىيەتتىكى بايلىق مەنبەلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىغان" دەپ بىلدۈردى.
غەربىي شىمال رايونلارنىڭ نوپۇس ۋە تەرەققىياتى ھەققىدە ئېچىلغان بۇ يىغىندا، يۇقىرىدا دەپ ئۆتۈلگەن مەسىلىدىن باشقا يەنە، غەربىي شىمال رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى ۋە ساپاسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى نامراتلىق ۋە قالاقلىق مەسىلىسى شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى سۇ مەنبئەسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كەم بولۇۋاتقانلىقى، يايلاقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىۋاتقانلىقى، مەدەنىيەت - مائارىپىنىڭ ئارقىدا قېلىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ بىر - بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاي كۆچەمەنلىرى نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل
غەربىي شىمال رايونىنىڭ بايلىق مەنبەسى چەكلىك. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق ۋە ئىقتىسادىي بايلىق مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتماي، ئادەم يۆتكەش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىشى كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ۋاشىنگتوندىكى "خىتاي ئۇچۇر مەركىزى" نىڭ مەسئۇلى چىن كۈيدﯤ ئەپەندى چىڭخەيدە ئېچىلغان بۇ يىغىن ھەققىدە توختىلىپ، "بۇ قېتىمقى يىغىندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربىي شىمال رايونىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ ئۆزى، مەزكۇر مەسىلىلەرنىڭ نەقەدەر ئېغىر دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ" دەپ تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:
"خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى سىياسىتى ئاساسەن غەربىي شىمال رايونلارغا قارىتىلغان. كوممۇنىست خىتايدا، تارىختىن بۇيان چېگرا رايونلارنى ئۆز تېررىتورىيىسىگە قوشۇۋالىدىغان ۋە شۇ يەردىكى خەلقنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرىدىغان مىجەز بار. دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، ئۇلار ئاز - سانلىق مىللەتلەرگە ئەزەلدىن ئىشەنمەيدۇ، ئۇلاردا ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئېھتىيات قىلىدىغان پسىخىكا ناھايىتى كۈچلۈك، شۇڭا ئۇلار ھەر زامان نۇرغۇنلىغان خىتاي مىللىتىنى شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىغا تۈركۈملەپ ئەۋەتىپ، شۇ جايلاردا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى يولغا قويۇپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى ھەققىدە كۆپلىگەن ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى بەلگىلىگەن، بۇ خىل ئېتىبار بېرىش، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خىتاي مىللىتىنى جەلپ قىلىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھۆكۈمىتى غەربىي شىمالغا بارىدىغانلار ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭرى سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن. مانا بۇلارنىڭ ئۆزى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غەربىي شىمال نوپۇسىنىڭ بۇ دەرىجىدە ئۆسۈپ كېتىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى".
"غەربنى ئېچىش" ئېكولوگىيىنى بۇزماقتا
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان "خىتاي ئۇچۇر مەركىزى" نىڭ مەسئۇلى چىن كۈيدﯤ ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان "غەربنى ئېچىش" ھەرىكىتى ھەققىدە توختىلىپ " كوممۇنىست خىتاينىڭ "غەربنى ئېچىش " سىياسىتى تەبىئەتكە بويسۇنمىغان، ئېكولوگىيە ۋە تەڭپۇڭلۇق قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۆز شەخسى مەنپەئەتى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەرىكەت. ئۇلار تەبىئەتنىڭ قانۇنىغا بويسۇنماي، ئۆز ئالدىغا بىر يۈرۈش سىياسەتلەرنى بېكىتىپ، مەجبۇرى ھالدا نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنى باشقا يەرلەردىن " غەربنى ئېچىش" شۇئارى ئاستىدا، بۇ جايلارغا يۆتكەپ ئەكەلگەن ئادەم نوپۇسى بارغانسېرى كۆپىيىپ، بايلىق مەنبەسى بىلەن توقۇنۇشىدىغان ئەھۋال بارغانسېرى ئېغىرلاشقان. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەرلەرنىڭ ئېكېلوگىيىلىك تەڭپۇڭلىقى پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ، نۇرغۇن جەھەتلەردە تەرەققىي قىلىش ئەمەس، بەلكى بۈگۈنكىدەك چېكىنىش ئەھۋالى يۈز بېرىشكە باشلىغان" دەپ كۆرسەتتى.
"خىتاي ئۇچۇر مەركىزى" نىڭ مەسئۇلى چىن كۈيدﯤ ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا "ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى غەربىي شىمالدا مەۋجۇت بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىمىز دەيدىكەن، ئالدى بىلەن، بۇ جايلارغا مەجبۇرى ئادەم يۆتكەش سىياسىتىنى توختىتىشى كېرەك. چۈنكى غەربىي شىمال رايونىنىڭ بايلىق مەنبەسى چەكلىك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق ۋە ئىقتىسادىي بايلىق مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتماي، ئادەم يۆتكەش سىياسىتىنى توختاتمايۋاتقانلىقى كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ" دەپ كۆرسەتتى. (مېھرىبان)