ئۇيغۇر ئېلىدە نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
2006.01.26
خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى "ئەڭ ياخشى تەرەققىيات باسقۇچىدا كېتىۋاتىدۇ" دەپ ئېلان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇسنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتىنى خىتاي بويىچە ئەڭ تېز - دەپ كۆرسەتتى. بۇندىن ئىلگىرى يەنى 9 - بەش يىللىق پىلان مەزگىلى ئىچىدە، ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى 2003 - يىلىغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدە 3 مىليون بوۋاقنىڭ ئاز تۇغۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
بوۋاق ئاز تۇغۇلغان، نوپۇسى تىز كۆپەيگەن رايون
تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 23 - يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ نوپۇس بايلىقى ۋە مۇھىت خىزمىتى يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى ئۇيغۇر، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەر "كۆپ تۇغماقتا" ھەمدە نامرات ۋە چەت رايونلاردا، تۇغۇش نىسبىتى يەنىلا يۇقىرى بولماقتا " دەپ كۆرسىتىلگەن.
تەڭرىتاغ تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەردە يەنە، قەشقەر ۋىلايىتىدە15 يىل ئىچىدە 920 مىڭ ئادەم كۆپەيگەن دەپ كۆرسىتىلگەن. ئەمما خىتاينىڭ رايوندىكى نوپۇس سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، خىتاي دائىرىلىرىنى رايونغا ئېقىپ كىرىۋاتقان كۆچمەنلەر نوپۇسىغا كۆز يۇمۇپ، ئۇلارنى يەرلىك نوپۇس قاتارىدا ھېسابلىغان دەپ ئەيىبلىمەكتە.
يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدە ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - ئومۇمى يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئاپتونوم رايوندا ياخشى ئىزچىللاشمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،" بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىدىيە جەھەتتە ئۆزگەرمىگەنلىكىدىن" دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ سۆزىدە خوتەن رايونىنى مىسالغا ئېلىپ، مەزكۇر جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىقتا قېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، ئۇلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ياخشى ئەمەل قىلمىغانلىقىدىن - دەپ بىلدۈرگەن.
دېھقاننىڭ شىكايىتى
لېكىن يېقىندا رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قەشقەر رايونىدىكى بىر دېھقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ مەزكۇر جايدا ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى، يەنى پىلاندىن سىرت پەرزەنت كۆرمەكچى بولغانلارغا 10 مىڭ يۈئەن جەرىمانە قويۇشتىن سىرت، قورساقتىكى بالا مەيلى قانچە ئايلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم يوق قىلىنىدىغانلىقىنى ھەتتا قورساقتا يىتىلىپ بولغان بالىنىڭمۇ ئوكۇل ئارقىلىق ئۆلتۈرىۋېتىلىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ دېھقان " پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئۆچ، لېكىن ئۆچ بولسىمۇ نېمە ئامال" دەپ مەزكۇر جايدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى تۈپەيلىدىن تۈرلۈك ئاياللار كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ ھېچقاچان كېسەل بولغان ئاياللارغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ دېھقان، مەزكۇر جايغا ئېقىپ كېلىۋاتقان خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ بىر جايدا تۇرماي ناھايىتى سىرلىق ھالدا داۋاملىق بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە كۆچۈپ يۈرۈپ، يوشۇرۇن بالىلىق بولىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئۇيغۇر ئۆلىمادىن پەتىۋا
- ئۇيغۇر ئاياللىرى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە شىكايەت قىلدى
- شەندۇڭدىكى مەجبۇرىي بالا ئالدۇرغان پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرى قولغا ئېلىندى
- مەكىتتىكى پىلانلىق تۇغۇت ۋەزىيىتىگە نەزەر
- خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى نوپۇس ۋە تەرەققىيات مەسىلىسى
- خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق تۇغۇتنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ياخشى ئىجرا قىلىنمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە
- ئايالىنى قوغداش ئۈچۈن يېزا كادىرىنى ئۆلتۈرگەن ياش، دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن