خىتاينىڭ نوپۇس تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلالىشى مۇمكىنمۇ؟


2007.01.24

xoten-balilar-200.jpg
2006 – يىلى 13 – ئۆكتەبىر كۈنى بىرقانچە ئۇيغۇر بالىلىرى خوتەندە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلار دۈچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي بېسىمى تۈپەيلى، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىر بالىلىق بولۇش يولىنى تاللىماقتا. AFP

خىتاينىڭ نوپۇس مەسىلىسى ھەققىدىكى دوكلاتتا كۆرسىتىلگەندەك، نۆۋەتتە خىتاي نوپۇسىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشى، ئەر ‏- ئاياللار نىسبەت پەرقىنىڭ بارغانچە كېڭىيىشى يەنى ئەرلەر نوپۇسىنىڭ ئاياللاردىن ئارتۇق بولۇشى، كېسەل، مېيىپلار نىسبىتى ھەمدە ياشانغانلار نىسبىتىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى ئۆرلىشىگە ئوخشاش بىر قاتار نوپۇس مەسىلىلىرىگە دۇچ كەلمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرى نوپۇس تەڭپۇڭسىزلىقىدىن تەھدىت ھېس قىلماقتا

يەنى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى نوپۇس مۇشۇ تەرەققىيات بويىچە ماڭسا، كېيىنكى 30 يىلدا يەنە ئىككى مىليارد نوپۇس كۆپىيىدىكەن. نوپۇسنىڭ ئەر ‏- ئاياللار نىسبەت پەرقى بارغانچە كېڭىيىپ يەنە 15 يىلدا 30 مىليوندىن 40 مىليونغىچە خىتاي ئەركىگى بويتاق قالىدىكەن. 2040 - يىلىغا بارغاندا خىتاي نوپۇسىنىڭ 30 %نى ياشانغانلار ئىگىلەيدىكەن. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئىكەنلىكىگە ئىقرار بولمىسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان نوپۇس تەڭپۇڭسىزلىقىدىن تەھدىت ھېس قىلماقتا.

خىتاي نۆۋەتتە نوپۇس مەسىلىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا ئېلىپ كەلگۈسى تەھدىتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە مەخسۇس نوپۇس ئىستراتېگىيە پىلانىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە مەزكۇر ئىستراتېگىيىلىك پىلانىدا تۇنجى قېتىم قىز ‏- ئوغۇللار نىسبىتىنى تەڭشەشتە قىز بوۋاقلارنى قوغداش، قىز بوۋاقلارنى قىردۇرۇش ئوپېراتسىيىلىرىنى، قىزلارنى تاشلىۋېتىش ھەمدە ئۇلارغا زەخمە يەتكۈزۈشنى قانۇن ئارقىلىق چەكلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، نوپۇس مۇتەخەسسىسلىرى شۇنداقلا خىتاي زىيالىيلىرىمۇ خىتاينىڭ نوپۇس مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ناھايىتى كېچىككەنلىكىنى، ھەر قانداق تەدبىرنىڭمۇ بۇنچە زور شۇنداقلا كۈنسايىن كېڭىيىۋاتقان نوپۇس تەڭپۇڭسىزلىقىنى ھەل قىلىپ كېلىشىگە ئىشەنچسىز قارىماقتا.

بۇ مەسىلە نۆۋەتتە خىتاي ئىچى ھەم سىرتىدىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغاۋاتقان مەسىلىگە ئايلاندى.

خۇ پىڭ: مەسىلە خىتاينىڭ سىياسىتىدە

نيۇيوركتا چىقىدىغان بېيجىڭ باھارى ژورنىلىنىڭ باش تەھرىرى، سىياسىي مۇلاھىزىچى خۇپىڭ ئەپەندى خىتاي دۆلىتىنىڭ نۆۋەتتىكىدەك مۇرەككەپ ھەم خەتەرلىك نوپۇس مەسىلىسىگە يولۇقىشىغا پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنىڭ سەۋەبچى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:

"خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى شۇنداقلا نۆۋەتتە قوللانماقچى بولغان نوپۇس ئىستراتېگىيە پىلانى ئارقىلىق يۈرگۈزمەكچى بولغان سىياسىتىنىڭ ھەممىسى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىلا بۇ خىل نوپۇس مەسىلىلىرىنىڭ بېشارىتىنى بىلگەن بولسىمۇ، ۋاقتىدا تەدبىر قوللانمىدى، پەقەتلا خەلققە قارىتا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى بېسىم ئارقىلىق قوللاندى. مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان نوپۇس سانىنى كونترول قىلىش قاتارلىق پىلانلىرىغا يېتەلمەيلا قالماي، ئەكسىچە تېخىمۇ ئېغىر مەسىلىگە يۈزلەندى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاتالىقى خەلقنىڭ قېرىغاندىن كېيىنكى ئىقتىسادى ھاياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلماي تۇرۇپ بىر پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشى، ئاساسلىق دېھقان ئاممىسىنىڭ قېرىغاندىن كېيىنكى تۇرمۇش پاراۋانلىقى ئىشقا ئاشمىغاندىن كېيىن، ئەلۋەتتە كۆپرەك بالا تېپىپ كېيىنلىكىنى ئويلايدۇ ‏- دە، مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاي خەلقى يەنىلا ئامال قىلىپ بىردىن ئارتۇق پەرزەنتلىك بولۇشقا تىرىشتى، يېزا نوپۇسنىڭ يەنىلا تېز سۈرئەتتە ئېشىشىمۇ بۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. شۇنى تونۇش كېرەككى، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ھەقىقىي نوپۇسى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئېلان قىلغاندىن كۆپ".

خۇپىڭ ئەپەندى خىتاينىڭ ھەل قىلالىشى تەس بولغان شۇنداقلا ئەگەشمە مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ جىددىي مەسىلىنىڭ نوپۇستىكى ئەر ‏- ئاياللار نىسبىتىدىكى زور پەرق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

"خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى ھەممىدىن بەك ئاغرىتىۋاتقىنى دەل قىز ‏- ئوغۇللار نىسبىتىنىڭ پەرقى، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلا بالا ئېلىشقا مەجبۇرلاش سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەلۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي خەلقىنىڭ تارىختىن بېرى شەكىللەنگەن مەدەنىيىتى، ئائىلە نەسەپ، ئۆرپ ئادىتىنى ئۆزگەرتىشى ئاسانغا توختىمايدۇ. خىتاي خەلقى يەنىلا ئوغۇلنى نەسەبىنىڭ قېنىنى، ئىزىنى ساقلىغۇچى دەپ بىلىدۇ. قىز بوۋاقلارنى قانۇن ئارقىلىق قوغداش بىلەنلا بۇنى ھەل قىلالمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەنە، باشقا يېڭى مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. چۈنكى خىتاي داۋاملىق بىر سىياسىتى ئاقمىغاندا يەنە بىر سىياسەت ئارقىلىق مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئەڭ ئاۋال خەلقنىڭ مەنپەئەتى، ئەركىنلىكى، كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. بولمىسا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشىدا ئۈمىد يوق".

خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىن باشقا ئاز سانلىق نوپۇستىكى مىللەتلەرگىمۇ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يۈزگۈزۈشىنىڭ باشقا مىللەتلەر نوپۇسىدىمۇ خىتاي نۆۋەتتە يولۇقىۋاتقان مەسىلىلەرگە ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە توختالدى:

"مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە پىلانلىق تۇغۇتنى يۈرگۈزۈشى ئىنسانپەرۋەرلىككە يات بولۇپلا قالماستىن، بۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ ئادىتى ھەمدە دىنىي ئېتىقادى شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلمىغانلىقى. بۇ پەقەتلا ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتى پەقەتلا نوپۇس تىزگىنلەش ئەمەس، بەلكى مىللەتنىڭ ئۈستىدىن قىرغىنچىلىق قىلىشتۇر".

خىتاي نوپۇسىنىڭ تەرەققىياتىدا كۆرۈلۈۋاتقان بىنورماللىق ھالەتلىرى ھەمدە خىتاينىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا قوللانماقچى بولغان سىياسەتلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەمدە ئەركىن مۇلاھىزىچىلەر ئىچىدىمۇ غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، خىتاي نوپۇس مەسىلىلىرىگە قىزىققۇچى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئەنگىلىيىدە ياشاۋاتقان تىببىي پەنلەر دوختورى ئەنۋەر توختى ئەپەندى ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.