تۈركىيىدە نورۇز پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00
noruz-turkiye.jpg
نورۇز پائالىيتىدىكى ئۇيغۇرلار

21-مارت كۈنى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەنئەنىۋى نورۇز بايرىمى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئىستانبۇل ۋالىلىقىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا ھەمدە ياۋرو ئاسىيا ئوقۇغۇچىلار بىرلىكىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئەنقەرەدە نورۇز بايرىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتكە تۈركىيىنىڭ 20 ۋىلايىتىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى ۋەكىللىرى، تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئازەرى، تاتار، قازاق قىرغىز ۋە تۈركمەن جەمئىيەتلىرىمۇ ۋەكىل ۋە سەنئەت ئۆمەكلىرى بىلەن قاتناشتى.

ھەر ئىككى شەھەردىكى پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ۋە شەرقىي تۈركسىتان مەدەنىيەت – ھەمكارلىق جەمئىيىتى نامىدا تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قاتناشتى ۋە سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسەتتى.

بۇ مۇنسىۋەت بىلەن تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم، ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باش كاتىپى ھامىت كۆكتۈرك ئەپەندى ۋە ئەنقەرەدىكى پائالىيەتكە قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت – ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە سۆھبىسىنىڭ باشلىقى خەيرۇللا ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.