تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى


2007.03.21

تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نورۇز بايرىمى تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلەندى. تۈركىيە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان سەنئەتچىلەرنىڭ كۆرسەتكەن سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن نورۇزنى تەبرىكلىدى، ئەنقەرە شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى شەھەردىكى ھەرقايسى چوڭ كوچىلارغا قويۇلغان زور ئېكرانلىق تېلېۋىزىيەلەردىن نەق مەيداندىن كۆرسىتىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىمۇ ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇردى ۋە پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

قەيسېرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قەيسېرى، توكات ۋە ئەنقەرە قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز ئەنئەنىلىرىنى تونۇشتۇردى. ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرى ئاتىللا كوچ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى قاتناشتى، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق تەپتىش ھەيئىتى ئەزاسى ھايرۇللا ئەپەندى قاتناشتى. بۇ يەردىكى پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى گازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز پائالىيىتىگە قاتنىشىپ ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلغان كۆرگەزمە ئاچتى.

ئىستانبۇل ۋالىلىيقىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى قاتناشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.