0:00 / 0:00
22 - مارت كۈنى قازاقىستاننىڭ بارلىق شەھەر يېزىلىرىدا نورۇز بايرىمى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ئالماتا شەھرىدىكى جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز پائالىيىتىگە نۇرسۇلتان نازاربايېفمۇ كەلگەن. ئالماتا ئەتراپىغا جايلاشقان ئەۋىزوف ناھىيىسىگە قاراشلىق روزىباقېيېف نامىدىكى گېمنازىيىنىڭ مەيدانىدا بىر نەچچە مىڭ ئۇيغۇر توپلىشىپ نورۇز پائالىيىتى ئېلىپ باردى. بۇ ھەقتە ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللا مەلۇمات بېرىدۇ.