نورۋېگىيە، گېرمانىيىئە ۋە شۋېتسىيىدە نورۇز


2007.03.26

گېرمانىيىدە "ياۋروپادا نورۇز" سەنئەت كېچىلىكى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى

3 – ئاينىڭ 24 – كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قارمىغىدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە "ياۋروپادا نورۇز" سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتكە ميۇنخېن شەھرىدىكى ۋە گېرمانىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار كېلىپ قاتناشقاندىن سىرت، قوشنا ئەللەردىنمۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار كېلىپ ئىشتىراك قىلدى. نەچچە يۈز كىشىلىك زال تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولدى. بۇ قېتىمقى نورۇز سەنئەت كېچىلىكىگە يەنە ئامېرىكىنىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇلى، قازاقىستاننىڭ شۋېتسىيىدىكى كونسۇلى، گېرمانىيىدىكى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە تۈرك – ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسۇللىرىمۇ كېلىپ قاتناشتى.

نورۋېگىيىدە نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

نورۋېگىيىدە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش، شۇنىڭدەك ، ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان پەرزەنتلەرنى مىللى ئەنئەنە تەربىيىسىگە ئىگە قىلىش مەقسىتى بىلەن، 2003-يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بىر شەھەردە نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۇش رەسمىي ئادەتكە ئايلانغان ئىدى.

بۇ يىلمۇ نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن،3-ئاينىڭ 25-كۇنى نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھرىدە 2007-يىللىق نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتتە ئالدى بىلەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ كاتىپى ئەنۋەر ئەپەندى نورۇز بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى ۋە ئەھمىيىتى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

ئاندىن كېيىن شېئىر دېكلاماتسىيە، ناخشا –ئۇسۇل ۋە باشقا كۆڭۈل ئېچىش نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى. ياش ھەۋەسكار شائىر ئەبەيدۇللا ئۆزىنىڭ نورۇزغا ئاتاپ يازغان شېئىرىنى نورۇز ئەھلىنىڭ دىققىتىگە سۇندى. پائالىيەت داۋامىدا نورۋېگىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن نورۇزغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئوزئارا دىدارلاشتى، شوخ ئۇسۇل مۇزىكىلىرىغا تەڭكەش قىلىپ ئۇسۇل ئويناشتى.

بۇگۈنكى نورۇز پائالىيىتىگە كوپ ساندا ئۆسمۈرلەرمۇ قىزغىن ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ نورۇزغا ئاتاپ تەييارلىغان ھەر خىل نومۇرلىرى بىلەن نورۇز ئەھلىنى سۆيۈندۈردى. . 11 ياشلىق ئۆسمۈر قىز تۇمارىسنىڭ نورۇزغا ئاتاپ يازغان شېئىرى كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.

بۇگۈنكى بۇ نورۇز مەرىكىسىگە ئوسلو شەھىرى ۋە نورۋېگىيىنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىن كەلگەن 150 يېقىن ئۇيغۇر قاتناشقان بولۇپ، پائالىيەت يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە باشلىنىپ كەچ سائەت 6 دە، ئىنتايىن قىزغىن ۋە خوشال – خورام كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

شۋېتسىيىدە نورۇز

24 – مارت كۈنى شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار شۋېتسىيە ئۇيگۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.