ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي سالاھىيەت بايرىمى نورۇز


2008.03.19

ئەقىل - پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقىنەچچە مىڭ يىللىق تارىخ جەريانىدا، تەبىئەت ۋە رىئاللىق بىلەن بولغان ھاياتى كۈرەش يولىدىكى ئاچچىق ‏- چۈچۈك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئۆزىنىڭ تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي ياشاش شارائىتى، ئۆرپ ‏- ئادەتلىرى،ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىگە ماس ھەم خاس، ھايات تەجرىبىسىدىكى ھەر بىر ۋەقە ھەم تەقدىر ‏- قىسمەتلەرنىڭ خاسىيىتىنى ئۇلۇغلاپ، بەزى ئالاھىدە كۈنلەرنى بايرام قىلىپ، ئۇنى پۈتكۈل ئىش - پائالىيەتلەرنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى قىلغان.

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمىنى كۈتىۋالماقتا، 3000 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدا ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان، مىللىي ئالاھىدىلىككە ۋە تارىخىي ئەنئەنىگە ئىگە نورۇز بايرىمى، ئۇيغۇرلاردا تەسىرى ئەڭ زور بىردىنبىر مىللىي ئەنئەنىۋىي ھېيىت - بايراملارنىڭ كاتتىسىدۇر. ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن نورۇز بايرىمىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە، تونۇلغان ياش يازغۇچى، بېلگىيىدە پەلسەپە پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.

نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەييارلانغان مەزكۈر سۆھبەت پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولغاي. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.