تۈركىيىدە نورۇز بايرىمى تەبرىكلەندى

0:00 / 0:00

"نورۇز" سۆزى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ "تۈركى تىللار دىۋانى" دا، "يېڭى كۈن" دەپ تەرىپلەنگەن بولۇپ، نورۇز بايرىمى تۈركىي خەلقلەرنىڭ شۇنداقلا بەزى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىكىلەرنىڭ يېڭى يىل بايرىمىدۇر.

تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان "شەرقىي تۈركىستان ۋەھپى" نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھازىرلانغان بىر ھەيئەت، نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىستانبۇل ۋالىسىغا قىزىل گۈل ۋە ئۇيغۇر دوپپىسى تەقدىم قىلدى. ئاندىن، تۈركىيىنىڭ ساياھەت مەركىزى بولغان ئىستانبۇل شەھىرىدىكى سۇلتان ئەخمەت مەيدانىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان نورۇز پائالىيىتىگە قاتناشتى.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ