نورۋېگىيە مەتبۇئاتىدا رابىيە قادىر خانىم


2006.10.17
rabiye-afp.jpg
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 6 – ئۆكتەبىر كۈنى ۋاشىنگتوندا. AFP

2006 –يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ئېلان قىلىنىش ھارپىسى ۋە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نورۋېگىيىنىڭ تېلۋىزىيە، گېزىت ۋە تور بەتلىرىدە ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، 2006 – يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە كۆپلىگەن خەۋەر، باھا ۋە مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە كىشىنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى 13 - ئۆكتەبىر كۈنى، يەنى بۇ يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ئېلان قىلىنغان كۈنى نورۋېگىيىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بىرى بولغان "كۈندىلىك گېزىت" تە ئېلان قىلىنغان "مەن تەررورىست ئەمەس!" ناملىق ماقالە بولۇپ، ماقالا ماۋزۇسىغا قوشۇمچە قىلىپ: "نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى رابىيە قادىر بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئالاھىدە سۆھبەت" دېگەن سۆزلەر ئىلاۋە قىلىنغان.

"خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېيتقانلىرى تامامەن تۆھمەت!"

ماقالىدە ئالدى بىلەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ قىسقىچە تارىخى، 2004 –يىلى خىتاي تۈرمىسىدىكى ۋاقتىدا نورۋېگىيە رافتو كىشلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى، ئۆتكەن يىلى خىتاي تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇپ ئامېرىكىغا كېلىشى ۋە ئۇندىن كېيىنكى سىياسى پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان. ئاندىن رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نامزاتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقى ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ شۇندىن بىر ئاي ئىلگىرى رابىيە قادىر خانىمنى تېررورچىلار بىلەن باغلىنىشى بارلىقتا ئەيىبلەپ "رابىيە قادىر ئەينى چاغدا دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە تەھدىت سالغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان، ئۇ ھازىر چەتئەلدىكى تېررورچى كۈچلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، شىنجاڭنى جۇڭگودىن ئايرىۋېتىشكە ئۇرۇنماقتا" دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنىپ رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاينىڭ بۇ خىل تۆھمەتلىرىگە قانداق قارايدىغانلىقى سورالغان. رابىيە قادىر خانىم بۇنىڭغا "مەن تەررورىست ئەمەس، مەن پەقەت ئوز خەلقىمنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىنچلىق يوللىرى بىلەن كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتىمەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېيتقانلىرى تامامەن تۆھمەت!" دەپ جاۋاپ بەرگەن.

ئۇيغۇرلار قانچىلىك ئاپتونومىيىدىن بەھرىمان بولدى؟

ماقالىدە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىشلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدىمۇ تەپسىلى توختالغان بولۇپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 1949 - يىلى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالغانلىقى ۋە 6 يىلدىن كېيىن ئاتالمىش "ئاپتونۇم رايون" قىلىپ قۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىنغاندىن كېيىن، بۇنىڭغا ئۇلاپلا "لېكىن ئۇيغۇرلار ئاپتونومىيىگە ئېرىشكەندىن كېيىنكى 51 يىلدىن بەرى ئەمىلىيەتتە زادى قانچىلىك ئەركىنلىككە ئېرىشتى، قانچىلىك ئاپتونومىيىدىن بەھرىمەن بولدى؟" دېگەن سۇئال بېرىلگەن ھەمدە بۇنىڭغا جاۋابەن، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېيتقانلىرى ۋە خەلقئارا كىشلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بايانلىرى ئاساسىدا : "ئۇيغۇرلار ئوز ۋەتىنىدە جۇڭگو كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ سىستېمىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي، سىياسى ۋە مەدەنىي جەھەتتىكى كۈچلۈك بېسىمى ئاستىدا ياشىماقتا. مەسىلەن، ئۇ يەردە دىنىي ئادەملەر نازارەت ئاستىدا ياشايدۇ، ئىماملارنىڭ مەسچىتتە قىلغان سۆزلىرى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىنىدۇ، ھۆكۈمەت ئىشچى–خىزمەتچىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇيالمايدۇ، روزا تۇتالمايدۇ، تېخىمۇ دەھشەت بولغىنى ھەر يىلى يۈزلىگەن ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسلار ئۆلۈمگە ھوكۇم قىلىنىدۇ ۋە تۈرمىلەردە ۋەھشى ئۇسۇللار بىلەن قىيىن –قىستاققا ئېلىنىدۇ، بۇلاردىن باشقا بۇ رايونغا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كەلكۈن بولۇپ ئېقىپ كىرىشى ۋە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مىللى كەمسىتىش سىياسىتى قوشۇلۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ھەتتا پۈتكۈل مىللەتنىڭ رايوندىكى مەۋجۇتلىقى ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەلمەكتە" دېگەنلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

"رابىيە قادىر بۇ يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئەڭ لايىق نامزات ئىدى"

ماقالىدە يەنە رابىيە قادىر خانىمنىڭ 1999 – يىلى ئۈرۈمچىدە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىش جەريانى ۋە 5 يېرىم يىللىق تۇرمە ھاياتى ۋە ئۆتكەن يىلى تۈرمىدىن قۇتۇلۇپ ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىنكى سىياسى پائالىيەتلىرى تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن، گېزىت مۇخبىرى بۇ قېتىمقى سوھبەتنى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۆۋەندىكى بىر ئابزاس سوزى بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان:

"مېنىڭ ھاياتىم بىر مۇشەققەتلىك دۇنيا ۋە كۈرەش بىلەن باغلىنىپ كەتكەن. مەن تۈرمىدە ياتقان ۋاقىتلىرىمدا ھەمىشە - سەن ئۆز ۋەتىنىڭ، خەلقىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىڭ، بۇ كۈرەشتە غەلبە قىلىش ياكى قىلالماسلىغىڭدىن قەتئىي نەزەر بۇ يولدىن ھەرگىز چېكىنمەسلىكىڭ كېرەك – دېگەنلەرنى ئويلايتتىم ۋە بۇنىڭدىن كۇچ – مەدەت ئالاتتىم".

ماقالىنىڭ ئاخىردا بىر قىسىم نورۋېگىيىكلەرنىڭ بۇ يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ۋە رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى باھاسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:

"مەن رابىيە قادىر بىلەن ئۆتكەن يىلى ئۇ نورۋېگىيە نى زىيارەت قىلغاندا كۆرۈشكەن، ئۇنىڭ دوستانە قىياپىتى، ئوز خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقى مەنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن ئىدى. مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇ ھەقىقەتەن بىر قالتىس ئايال. مەن ئۇنىڭ بۇ يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىشنى چىن دىلىمدىن ئارزۇ قىلغان ئىدىم. تولىمۇ ئەپسۇس ئۇنداق بولماي قالدى".

يەنە بىر نورۋېگىيىلىك بولسا "مېنىڭچە رابىيە قادىر بۇ يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئەڭ لايىق نامزات ئىدى، چۈنكى ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى، يەنە كېلىپ بىر مۇسۇلمان ھەم ئايال ئىدى" دېگەن. (ئابدۇسەمەت)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.