نورۋىگىيە كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلدى
2006.08.24
يېقىندا نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، نورۋېگىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە نورۋېگىيە خېلسىنكى كومىتېتىدىن تەشكىللەنگەن بىر كىشلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان. بۇلار ئۈرۈمچىدىكى تۆت كۈنلۈك زىيارىتى داۋامىدا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن سىرت يەنە، ئۈرۈمچىدىكى بىر ئەرلەر تۈرمىسى ۋە بىر ئاياللار تۈرمىسىنى، بىر ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىنى، ساقچى ئىدارىسىنى، ئىسلام ئىنستىتۇتىنى ۋە يىتىم-يېسىرلارنى بېقىۋېلىش ئورنىنى زىيارەت قىلغان.
كۆزلىگەن نىشاندىن كۆپ ئۇزاق
بىز بۇ تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ زىيارەت ئەھۋالى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، بۇ قېتىم تەكشۈرۈش ئۆمىكى بىلەن بىرگە ئۈرۈمچىگە بارغان، كىشلىك ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە خەلقئارا خېلسىنكى كومىتېتى نورۋېگىيە شۆبىسىنىڭ باشلىقى Bjørn Engsland ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.
Bjørn Engsland ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ خىل تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرى بىلەن خىتايغا ئىلگىرىمۇ بىرقانچە قېتىم بارغان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىغا بولسا تۇنجى قېتىم بېرىشى ئىكەن. ئۇنىڭ بۈدۈرۈشىچە، ئىلگىركى زىيارەتلەر بېيجىڭدىلا ئېلىپ بېرىلىپ تەكشۈرۈش ئۆمىكى يىغىن ۋە سۆھبەتلەرگە قاتناشقاندىن باشقا ھېچقانداق ئەمىلى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئىكەن. Bjørn Engsland ئەپەندى مۇشۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا بۇ قېتىمقى زىيارەتنى ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا مەلۇم ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى، دەپ قارىسىمۇ، ئەمما ئەسلىدىكى كۆزلىگەن نىشاندىن كۆپ ئۇزاقلىقىنى، بارلىق تەكشۈرۈش ۋە زىيارەتلەرنىڭ تۈرلۈك شەرتلەر ۋە بېكىتىلگەن چەك-چېگرالار ئىچىدە، تولىمۇ يۈزە ۋە تار دائىرىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بايان قىلدى:
سىرىتتىن قارىماققا ئىقتىسات تەز يۈكسىلىۋاتقان، تىنچ بىر جەمئىيەتتەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما بۇ تىنىچلىقنىڭ كەينىدە مۇستەبىت رېجىم تەرىپىدىن جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ئىنچكە ھالقىلىرىغىچە ئورنىتىلغان غايەت كۈچلۈك كونتروللۇقنى سېلىۋېلىش قىيىن ئەمەس. ئۇلار بىزنى زىيارەت قىلدۇرغان ئورۇنلار، بىزنى كۆرۈشتۈرگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئالدىن تەييارلانغان ۋە ئۆگىتىلگەن بولۇپ، بىز ياخشى چۈشىنىدىغان ۋە كۆرۈشنى ئىستىگەن ئەمىلى رېئاللىقنىڭ ئۆزى ئەمەس.
خىتاي دائىرلىرى بىزگە كۆرسىتىشنى خالىغان، ياسالغان رېئاللىق ئىدى
"خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن كىشلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە سۆزلىشىش بەك قىيىن، نېمىنى سۆزلەش، قايسى چەك – چېگرا ئىچىدە سۆزلەش بېكىتىپ بېرىلگەن بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ھالقىپ كەتەلمەيمىز، بۇ قېتىم مەلۇم دەرىجىدە چەك چېگرالارنى بۇزۇپ تۈرمىلەرنى زىيارەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۇق، ئەمما بىز بىلىمىز، بۇ ئەسلى رېئاللىق ئەمەس، بەلكى خىتاي دائىرلىرى بىزگە كۆرسىتىشنى خالىغان، ياسالغان رېئاللىق ئىدى. "
Bjørn Engsland ئەپەندى ئۈرۈمچىدىكى بىر تۈرمىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتى ھەققىدە مۇنۇلارنى سۆزلەپ بەردى:
"بۇ تۈرمىدە بىر قانچە مىڭ مەھبۇس بار ئىكەن، ئۇلار بىزگە مەھبۇسلار تۇرىدىغان كامېرنى كۆرسەتتى، كىچىككىنە بىر كامېردا 8 – 12 غىچە مەھبۇس تۇرىدىكەن، ئەمما بىز بۇ كامېرنىڭ ۋە كامېردىكى مەھبۇسلارنىڭ ئادەم ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە پاكىز ۋە رەتلىك تۇرغىنىدىن قاتتىق ھەيرانلىق ھىس قىلدۇق ۋە باشقا كامېرلارنى كۆرۈشنى ۋە مەھبۇسلار بىلەن ئايرىم پاراڭلىشىشنى تەلەپ قىلدۇق، ئەمما خىتاي دائىرلىرى بۇنىڭغا ئۇنىمىدى. "
خىتاي دائىرىلىرى تەلىپىمىزنى رەت قىلدى
Bjørn Engsland ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەكشۈرۈش ئۆمىكى نورۋېگىيىدىن يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۈرۈمچىدىكى پەرزەنتلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن زوراۋان مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىغىدىن خەۋەردار بولغان بولۇپ، ئۇلار بۇ مەسىلىنى ئۇيغۇر رايونىنڭ ھۆكۈمەت دائىرلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەتتە ئوتتۇرىغا قويۇشنى ھەمدە ئۇلاردىن رابىيە قادىر خانىمنىڭ قولغا ئېلىنغان پەرزەنتلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىشنى پىلان قىلغان، ئەمما ئۈرۈمچىدە ھۆكۈمەت دائىرلىرى بۇ مەسىلىدىن قەستەن ئۆزىنى قاچۇرغان، كۆرۈشۈش تەلىپىنى بولسا كەسكىن رەت قىلغان:
"تەكشۈرۈش ئۆمىكىمىز رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە خىتاي دائىرلىرى بىلەن ئايرىم سۆھبەتلەرنى ئېلىپ باردى، بۇ بىزنىڭ خېلسىنكى كومىتېتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۈچۈنمۇ بەك مۇھىم ئىدى. بىز دائىرلەرگە ئۆزىمىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىغىمىزنى، ئۇلار بىلەن بىۋاستە كۆرۈشۈش ئارزۇيىمىزنى بىلدۈردۇق، ئەپسۇسكى ئۇلار بىزنىڭ بۇ ئەندىشىمىزنى زادىلا چۈشەنمىدى ۋە بىز بىلەن بۇ ھەقتە ئىچكىرلەپ سۆھبەتلىشنى رەت قىلدى. "
تەسىرات
ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەمەلدارلار تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەرگە نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدا ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تەز تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىنى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىناق، ئىجىل ۋە پاراۋان تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى توختىماي تەشۋىق قىلىپ تۇرغان، شۇنىڭدەك ئەتەي ئۆزلىرىنىڭ ئىلغار، ئىجابىي ۋە ياخشى تەرەپلىرىنى كۆرسىتىشكە ھەركەت قىلغان بولسىمۇ، بۇنىڭلىق بىلەن بەرىبىر ھەقىقى رېئاللىقنى يۇشۇرۇپ قالالمىغان.
Bjørn Engsland ئەپەندى، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۆت كۈنلۈك زىيارىتىدىن ئالغان تەسىراتىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى:
"سىرىتتىن قارىماققا ئىقتىسات تەز يۈكسىلىۋاتقان، تىنچ بىر جەمئىيەتتەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما بۇ تىنىچلىقنىڭ كەينىدە مۇستەبىت رېجىم تەرىپىدىن جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ئىنچكە ھالقىلىرىغىچە ئورنىتىلغان غايەت كۈچلۈك كونتروللۇقنى سېلىۋېلىش قىيىن ئەمەس. ئۇلار بىزنى زىيارەت قىلدۇرغان ئورۇنلار، بىزنى كۆرۈشتۈرگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئالدىن تەييارلانغان ۋە ئۆگىتىلگەن بولۇپ، بىز ياخشى چۈشىنىدىغان ۋە كۆرۈشنى ئىستىگەن ئەمىلى رېئاللىقنىڭ ئۆزى ئەمەس. " (ئابدۇسەمەت)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- نورۋېگىيە "رافتو فوندى جەمئىيىتى" ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلمەكتە
- تامسىز تۈرمە (2)
- قەھرىمان غوجامبەردى قازاقىستان مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ خىتاي ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيارەتى ھەققىدە توختالدى
- تامسىز تۈرمە (1)
- ب د ت خىتايدا تەن جازاسى مەسىلىسى بويىچە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي تۈرمىلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئەيىبلەيدىغان قارار ماقۇللىدى
- "شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق پارتىيىسى" ئەزاسى بىلەن سۆھبەت
- تەن جازاسىنى تەكشۈرگۈچى خادىمى، خىتايدا تەن جازاسى ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتىدۇ، دېدى
- ب د ت نىڭ تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش بويىچە ئالاھىدە ئەمەلدارى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى