0:00 / 0:00
نورۋېگىيە سكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىدىكى ئۇيغۇرلار مەلۇم ساندا توپلاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئايىغى تەگمىگەن بۇ مەملىكەت بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ يېڭى ماكانلىرىغا ئايلىنىشقا باشلىدى. بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى بارلىق ئىمكانىيەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىغە بىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا. نورۋېگىيىگە جايلاشقان رافتو فوندى 2004-يىلى رابىيە قادىرغا رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بەرگەن ئىدى.
نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، نورۋېگىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇسەمەتتىن ئاڭلاڭ.