نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ۋەتەن مۇھەببىتى


2006.09.06

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئەلى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە تۈركىيىدىن باشقا، دۇنيادىكى 10 دىن ئارتۇق غەرب دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلار ياشايدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەر خىل ياشتىكى بالىلار مەلۇم نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. بۇ بالىلار بۇ دۆلەتلەردە بىخەتەر ئىجتىمائىي مۇھىت، ياخشى ئىقتىسادى شارائىت، ھەمدە راھەت ئوقۇش مۇھىتىدا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ بۇ جەھەتلەردىن غەرب ئەللەردىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنى ۋەتەندىكى ئۇيغۇر بائىلىلىرىغا نىسبەتەن ئامەتلىك دىيىشكە بولىدۇ.

ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ غەرب ئەللىرىگە چىقىپ ئولتۇراقلىشىش تارىخى تېخى تولىمۇ قىسقا بولغاچقا، بولۇپمۇ شىمالى ياۋروپادىكى نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ مۇتلەق كوپ قىسمى ۋەتەندە تۇغۇلغان، بەزىلىرى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىرقانچە يىلىنى ۋەتەندە ئوقۇپ بۇ دۆلەتلەرگە ئۆسمۈرلۈك يېشىدا كەلگەنلىكى ئۈچۈن دەسلەپ كەلگەن مەزگىللىرىدە. ئۆزى تۇرىۋاتقان دۆلەتنىڭ تىلىنى ئۆگىنىش، تېبى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتى بىلەن ماسلىشىش، يېڭىدىن دوست تېپىش قاتارلىق جەھەتلەردە بەزى قىيىنچىلىقلارغا، روھى بالىلارغىمۇ دۇچ كەلگەن. بۇنداق چاغلاردا ئۇلار ۋەتەننى، ۋەتەندە قالغان ساۋاقداش ۋە دوستلىرىنى سېغىنىپ ئازابلانغان.

ۋەتىنىم سەندە ئۆتكەن ئىدى خوشال كۈنلىرىم، گۈلگە تولغان ئىدى قۇچاقلىرىم، ئايرىلىپ كەتتىم سەندىن تۇيۇقسىز، بىلمەپتىمەن قەدرىڭنى بۇرۇن ۋەتىنىم. قانىتىم بولسا ئۇچۇپ بارسام دەيمەن، گۈزەل ئانا تۇپرىقىمغا قىنىپ كەلسەم دەيمەن، كۈنلەر ماڭا بىر كۈن بىر يىلدەك سەنسىز، بارالايمەنمۇ ئىللىق قوينىڭغا يەيە ۋەتىنىم. قانداق دىيەلەيمەن ئۆزۈمنى بەختلىك سەنسىز، ۋە قانداق دېيەلمەيمەن ئۆزۈمنى ئەركىن، ئارمانىمغا يېتەرمەن ھامان، كۈرەش قىلىمەن سەن ئۈچۈن ۋەتىنىم. كېچە – كۈندۈز يادىمدا سەن مەڭگۈ، مەيلى مەن نەگە بېرىپ نەدە تۇرسام، ئۇنتالمايمەن سېنى ھەرگىز بۇ دۇنيادا، جېنىم پىدادۇر ساڭا مەڭگۈ ۋەتىنىم.

بىز چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئوقۇش، ئۆگىنىش ئەھۋالى، دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرى ھەمدە چەتئەلدە ياشاش، ئوقۇش داۋامىدا پەيدا بولغان تۈرلۇك ھىس – تۇيغۇلىرى بىلەن تەپسىلىرەك تونۇشۇش مەقسىتىدە، ھازىر نورۋېگىيىدە ياشاۋاتقان بىر قانچە ئۆسمۈرنى زىيارەت قىلدۇق.

كىچىك پىرقەتنىڭ تۇيغۇلىرى

تېخى نورۋېگىيىگە كەلگىنىگە ئانچە ئۇزۇن بولمىغان 14 ياشلىق پىرقەت، ئۆزىنىڭ مەكتەپ ھاياتى، يېڭى تونۇشقان چەتئەللىك دوستلىرى، شۇنىڭدەك بۇ يەردىكى مەكتەپ ۋە ئوقۇتۇش ئەھۋالى بىلەن ۋەتەندىكى مەكتەپ ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۆزى ئوقۇۋاتقان مەكتەپنىڭ بالىلارنى ئوقۇش ماتېرىياللىرى ۋە قوراللىرى بىلەن ھەقسىز، تولۇق تەمىنلەيدىغانلىقىنى، ساۋاقداشلىرى بىلەن ياخشى ئۆتىۋاتقانلىقىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇرۇلمايدىغانلقىنى ئېيتتى.

ۋەتەنداشلارىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان كىچىك شائىرە - نەيىمە

بىز يەنە، بۇ يىل ئەمدىلا 15 ياشقا كىرگەن، نورۋېگىيىدىكى ۋەتەنداشلار تەرىپىدىن كىچىك شائىرە –دەپ نام ئالغان نەيىمە ئىسىملىك ئۆسمۈر قىزنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بۇندىن ئۈچ يىل بۇرۇن ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە نورۋېگىيىگە كەلگەن بولۇپ، ھازىر نورۋېگىيىنىڭ بېرگىن شەھرىدە ياشايدۇ. نەيىمەنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ بۇ دۆلەتكە كېلىپ بىر يىل بولغاندا، يەنى 13 يېشىدىن باشلاپ قولىغا قەلەم ئېلىپ، ئۆزىنىڭ يات ئەلگە يېڭى كەلگەن ۋاقتىدىكى غېرىبسىنىش تۇيغۇلىرىنى، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا ۋەتىنىگە بولغان سېغىنىش ھېسىياتىنى شۇنىڭدەك ۋەتەن، مىللەت ھەققىدە بالىلىق قەلبىدە پەيدا بولغان سوئاللىرى ۋە ئازابلىق ئۆيلىرىنى بالىلارغا ھاس ساپ ھېسسىيات ۋە ئاددى – ساددا تىل بىلەن شېئىرىي مىسرالارغا جەملەپ، ئۇنى ئۇيغۇرلار توپلانغان نورۇز پائالىيىتى ۋە سورۇنلاردا ئوقۇپ بېرىپ، ۋەتەنداشلارىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان.

تېخىمۇ تەسىرلىك بولغىنى ئۆتكەن يىلى 10 ئايدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى كۈتىۋېلىش يۈزىسىدىن بېرگىن شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە "ۋەتىنىم"، "نېمە ئۈچۈن" دېگەن ئىككى پارچە شېئىرىنى دىكلاماتسىيە قىلىپ ھەممەيلەننى يەنە بىر قېتىم تەسىرلەندۈرگەن ۋە رابىيە قادىر خانىم سەھنىگە چىقىپ بۇ كىچىك شائىرەنىڭ پېشانىسىنى سۆيۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئىلھام بەرگەن ئىدى.

بىز بۇ كىچىك شائىرەدىن قانداق بىر ھېسسىياتنىڭ تۈرتكىسىدە بۇنداق ئۆزىنىڭ يېشى ۋە چۈشەنچىلىرىدىن ھالقىغان مەزمۇنلۇق، تەسىرلىك شەئىرلارنى يېزىپ چىققاننىلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى:

"چەتەلگە چىقىدىغان بولدۇق دەپ بەك خوشال بولغان ئىدىم. بىراق بۇ يەرگە چىقىپ ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ھېچقانداق يەرنىڭ ئۆز ۋەتىنىمگە يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدىم. بىز ۋەتەندە تۆۋەن ئورۇندا تۇرىمىز، بۇ يەردە بولسا نېمە دېيىشنى خالىساق شۇنى دېيەلەيمىز. ۋەتەننىمنىڭ بايلىقى ناھايىتى كۆپ، بىراق ۋەتەن بۇ يەرگە ئوخشاش تەرەققى قىلمىغان. خىتايلار بىزنىڭ پۈتۈن بايلىقىمىزنى ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ".

نەيىمە ھازىرغىچە "ۋەتىنىم"، "نېمە ئۈچۈن"، "ئارزۇيۇم"، "مىللىتىمگە" قاتارلىق 10 پارچىگە يېقىن شېئىر يېزىپ، ئۇيغۇرلار ئۆتكۈزگەن مېدىيە پائالىيەتلىرىدە دىكلاماتسىيە قىلغاننىڭ سىرتىدا، ئۆزلىگىدىن ئۇيغۇرچە ئۇسۇلنى ياخشى ئويناشنى ئۆگىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىلا ئەمەس، ئۆز تەۋەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مىللەتلەرنىڭ ئۇسۇل مۇسابىقىلىرىدە ھەدىسى مەدىنە بىلەن ئۇسۇل ئويناپ مۇكاپاتلارغا سازاۋەر بولغان.

بىز ئاخىردا، ئۆسمۈر شائىرە نەيىمەگە ئىلھام بېرىش يۈزىسىدىن، ئۇنىڭ ۋەتەندىكى ۋە چەتئەلدىكى ئۆسمۈر دوستلارغا يوللىغان سالامى سۈپىتىدە ئۇنىڭ "ۋەتىنىم" دېگەن شېئىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.