0:00 / 0:00
نورۋىگىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان نورۋىگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى نورۋىگىيە ھۆكۈمىتى ۋە نورۋىگىيە خەلقىگە يېقىندىن تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.
مەزكۇر تەشكىلات بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا نارازلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، نورۋىگىيىنىڭ تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت ژورناللىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپلەپ مەلۇماتلار ئېلان قىلىشقا باشلىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مۇخبىرىمىز ئەقىدە نورۋىگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابدۇ سەمەت ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلەشتى.