نورۋىگىيىدىكى ئۇيغۇرلار نوبىل سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلدى


2007-09-21
Share

20 ‏- سېنتەبىر كۈنى كەچتە نورۋىگىيىنىڭ ئوسلو شەھىرىدە نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ ۋە بىر قىسىم ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن نوبىل سارىيىدا تىلى، مەدەنىيىتى ۋە سىياسى تەقدىرى خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم مىللەتلەرنىڭ تىل ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش بۇيىچە پائالىيەت بولۇپ ئۆتكەن.

بۇ پائالىيەتكە نورۋىگىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىمى تەكلىپ بىلەن ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان. بۇ پائالىيەتنىڭ ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى بولغان ئۆمەر ھاجىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇننىڭ تېلېفون زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت