0:00 / 0:00
20 - سېنتەبىر كۈنى كەچتە نورۋىگىيىنىڭ ئوسلو شەھىرىدە نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ ۋە بىر قىسىم ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن نوبىل سارىيىدا تىلى، مەدەنىيىتى ۋە سىياسى تەقدىرى خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم مىللەتلەرنىڭ تىل ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش بۇيىچە پائالىيەت بولۇپ ئۆتكەن.
بۇ پائالىيەتكە نورۋىگىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىمى تەكلىپ بىلەن ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان. بۇ پائالىيەتنىڭ ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى بولغان ئۆمەر ھاجىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇننىڭ تېلېفون زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.