نورۋېگىيىدە خەلقئارا ئىجادىيەت ئەركىنلىك مۇكاپاتى تارقىتىلدى


2008.03.10

2008- يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە نورۋېگىيە يازغۇچىلار بىرلەشمىسى ئويۇشتۇرغان خەلقئارا ئىجادىيەت ئەركىنلىك مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى مۇراسىمغا نورۋېگىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن داڭلىق يازغۇچىلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە بۇ مۇكاپاتنىڭ باش ساھىبى بولغان تىبەت ئايال يازغۇچىسى سۈرەتنىڭ يولدىشى ۋاڭ لىشۇڭ قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى.

يېزىقچىلىق ئەركىنلىك مۇكاپاتى نورۋېگىيە يازغۇچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان خەلقئارالىق مۇكاپات بولۇپ، ھەر يىلى بىر قېتىم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىنسان ھوقۇقلىرى ئۇچۇن كۈرەش قىلغۇچى شائىر، يازغۇچىلارغا بېرىلىدۇ.

بۇ قېتىم مەزكۇر مۇكاپات ھازىر خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە ياشاۋاتقان تىبەتلىك ئايال يازغۇچىسى سۆرەن خانىمغا بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ كوپ يىللاردىن بېرى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تىبەتكە يۈرگۈزگەن سىياسىتى ھەققىدە ھەر خىل تېمىلاردا ئەسەر يازغان بولۇپ، مۇشۇ تۈپەيلىدىن ئۇ تۈرلۈك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىملارغا دۇچ كەلگەن ۋە ئېرى بىلەن بىللە نازارەت ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر قىلىنغان ھەم ھەر ئىككىيلەن خىزمىتىدىن ھەيدەلگەن ئىدى.

بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ نورۋېگىيىگە كېلىشىگە رۇخسەت قىلمىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مەزكۇر مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئېلىش ئۇچۇن نورۋېگىيىگە يېتىپ كەلگەن ۋاڭ لىشۇڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا ئايالىنىڭ كېلەلمەسلىكىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " مەن كېلەلىدىم، لېكىن ئەسلى بۇ يەرگە كېلىشكە تىگىشلىك بولغان ئايالىم كېلەلمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى مەن خىتاي بولغانلىغىم ئۈچۈن پاسپورت ئېلىپ كېلەلىدىم، لېكىن ئايالىم تىبەت مىللىتىدىن بولغانلىغى ئۇچۇن كېلەلمىدى. مەن بۇنى بۇنىڭدىن ئارتۇق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيمەن. پاسپورت گەرچە ھازىرقى زامانىۋىي دۇنيادا بىر ئىنساننىڭ كىملىكىنى بىلدۈرىدىغان ئاددى بىر نەرسە بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو ھۆكۈمىتى تىبەت، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بۇنچىلىك ئاددى ھوقۇقىنىمۇ تارتىپ ئالغان."

ئاخىرىدا نورۋېگىيە -تىبەت كومىتېتىنىڭ باشلىقى چونداك خانىم يازغۇچى سۆرەن خانىمغا ۋاكالىتەن ئۇنىڭ رەھمەت خېتىنى ئوقۇپ ئۆتتى: "مەن نورۋېگىيە يازغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 2007-يىللىق خەلقئارا يېزىقچىلىق ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكىنىمدىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن نورۋېگىيە يازغۇچىلار بىرلەشمىسىگە كۆپ رەھمەتلەر ئېيتىمەن. مېنىڭ بۇ ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىم نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يەنىلا تىبەت مەسىلىسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ۋە تىبەت خەلقىنىڭ يەنىلا ئاسارەت ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئەركىنلىك دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئىنساننىڭ سۆزلەش،پىكىر قىلىش ۋە يېزىش قاتارلىق بارلىق ھوقۇقلىرىنىڭ ھەقىقىي كاپالەتكە ئېرىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەركىنلىكىگە ئېرىشەلمىگەن ئىنسانلار مەيلى دۇنيانىڭ قەيىرىدىلا ياشىسۇن، ئۇ مەڭگۈ ئۆز ئەركىنلىكىنى ئىزدەيدۇ ۋە ئۇنى تېپىش ئۇچۇن كۈرەش قىلىدۇ ۋە تىنىمسىز ئىزدىنىدۇ." (ئايگۈل يۈسۈپ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.