نورۋېگىيىدە تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار نامايىش ئۆتكۈزدى


2008.03.12

2008 - يىلى 3 - ئاينىڭ10 - كۈنى نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى نامايىشنى نورۋېگىيە تىبەت كومىتېتى ئويۇشتۇرغان بولۇپ نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە بىر قىسىم نورۋېگلار تەكلىپكە بىنائەن نامايىشقا ئىشتىراك قىلدى.

بۇندىن 49 يىل ئىلگىرىكى مۇشۇ كۈنلەردە تىبەت خەلقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن قوزغىلاڭ قانلىق باستۇرۇلغان ۋە نەتىجىدە تىبەتلەرنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لاما ھىندىستانغا كېتىپ مۇھاجىرەتتە ياشاشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان تىبەتلىكلەر ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ بۇ كۈننى خاتىرىلەيدۇ.

نورۋېگىيە تىبەت كومىتېتىنىڭ باشلىقى چونداك خانىم مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:بۇ كۈن تىبەت خەلقىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى تىبەتتىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن قوزغىلاڭ كۆتەرگەن كۈن بولۇپ دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىكى تىبەتلەر بۇ كۈننى خاتىرىلەش ئۈچۈن نامايىش قىلىدۇ.

نامايىشقا قاتناشقان بىر نورۋېگ ياش مۇخبىرنىڭ بۈگۈن نېمە ئۈچۈن بۇ نامايىشقا قاتناشتىڭىز دېگەن سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەردى: "مەن تىبەت خەلقىنىڭ خىتايلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ھەرىكىتىنى قوللاش ئۈچۈن بۇ نامايىشقا قاتناشتىم. تىبەتلەر ئۆز ھەق - ھوقۇقلىرىغا ئېرىشىشكە ھوقۇقلۇق."

چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تە باشلانغان تىنچلىق نامايىشى دۆلەت مارشى ئوقۇش،نۇتۇق سۆزلەش، جاراڭلىق شۇئارلارنى توۋلاش قاتارلىق تۈرلۈك شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىپ سائەت 6 دە غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. (ئايگۈل يۈسۈپ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.