2008 - يىلى 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئالدى بىلەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ 2007 - يىللىق خىزمەتلىرى خۇلاسىلاپ ئۆتۈلدى ۋە ئىلگىرىكى يىللاردا ۋەزىپىدە ئولتۇرغان بىر قىسىم سابىق رەھبەرلەر ۋە تەشكىلات خىزمىتىدە ئالاھىدە نەتىجە ياراتقانلار گۈل ۋە خاتىرە بۇيۇم بىلەن مۇكاپاتلاندى. مۇكاپاتلاش ئاخىرلاشقاندا ، تەشكىلاتنىڭ رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلىرى .كاتىپ ،بوغالتىر ، كاسسىرلىرى ۋە ھەيئەت ئەزالىرى تولۇقلاپ سايلاندى. سەمەت ئابلا قايتىدىن رەئىسلىككە ،پەرھات ياقۇپ كاتىپلىققا سايلاندى.
يىغىندىن كېيىن نورۇز پائالىيىتى خۇشناۋا ناخشا - مۇزىكا ئىچىدە باشلاندى. نورۋېگىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن ئىككى يۈزگە يېقىن ئۇيغۇرلار چىرايلىق بېزەلگەن زالدا ئۆز - ئارا سالاملىشىپ ، خانىملار ئېتىپ ئەكەلگەن تۈرلۈك ئۇيغۇرچە تائاملاردىن ھوزۇرلانغاچ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى.
كىچىك دوستلار ئورۇندىغان ئىسكىرىپكا ۋە پىئانو مۇزىكىسى، قىزلار ئورۇنلىغان يەككە ئۇسۇللار ،تەخسە ئۇسۇللىرى،يىگىتلەردىن تەشكىل تاپقان مۇزىكا ئەترىتى ئورۇنلىغان مۇڭلۇق ناخشىلار زال ئىچىنى لەرزىگە سالدى. نورۇزنامە ۋە باشقا مەزمۇندىكى شېئىرلار دىكلاماتسىيە قىلىندى. ئۈچ ياشلىق ئوماق قىز ئەقىدەنىڭ چۈچۈك تىلى بىلەن ئېيتقان مېنىڭ ۋەتىنىم شەرقىي تۇركىستان دېگەن سۆزى ۋە بالىلار قوشاقلىرى نورۇزغا قاتناشقان مېھمانلارنى ھاياجانغا سالدى.
چۈش سائەت ئىككىدە باشلانغان نورۇز پائالىيىتى مەمنۇنىيەت ۋە خۇشاللىق ئالقىشلىرى ئىچىدە كەچ سائەت يەتتىدە ئاخىرلاشتى. (ئايگۈل يۈسۈپ)