خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيى ھەققىدە خەلقئارا ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسى
2008.03.04
خىتايدا بۈگۈن 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، بېيجىڭدىكى بۈيۈك خەلق سارىيىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيىنىڭ ئاخبارات يىغىنى ئېچىلدى. يىغىننىڭ باياناتچىسى جاڭ جىجۇنىڭ جاكارلىشىچە، بۇ يىغىن 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە جەمئى 13 يېرىم كۈن داۋام قىلىدىكەن. يىغىندا دۆلەت رەئىسى، باش مىنىسىتىرى، مەركىزى ھەربىي كومىتېت رەئىسى قاتارلىق رەھبەرلەر سايلاپ چىقىلىدىكەن ۋە كوممۇنىست پارتىيىنىڭ سوتسىئالىستىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى پىكىرى ئەمەلىيلەشتۈرىلىدىكەن ۋە دۆلەت كابىنىتى ئورگانلىرىغا قارىتىلغان ئىسلاھات، دۆلەتنىڭ خامچوتى قاتارلىقلار ماقۇللىنىدىكەن.
بۇ يىغىن كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 'سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە' تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يازغۇچىسى كرىستوفېر بودىين ئەپەندىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا ئېچىلىۋاتقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيىنىڭ يىللىق يىغىنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان 'سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە' دەپ ئاتالغان تۈزۈم ھەققىدىكى پىكىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە شۇنداقلا خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتى، ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە مەمۇرى ئورگان ئىسلاھاتى ھەققىدىكى پىكرىنى ماقۇللاشقا مەركەزلىشىدۇ.
بۇ خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتىنى 17.6% ئاشۇرۇشنى، يەنى 1990 - يىللاردىكىدىن ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتىنى ئاشۇرۇشى، ئاساسەن 1949 - يىلىدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەپ كېلىۋاتقان تەيۋەنگە قارىتىلغان.
نۇ بەكرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر ئاساسىي تىل-يېزىقنى ئۆگەنمىسە چەتلىشىپ كېتىدۇ'
'شىنجاڭ خەۋەر تورى'نىڭ بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيىنىڭ يىللىق يىغىنى ئېچىلىشقا باشلىغاندا، شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ لى دېخۇئا قاتارلىق ئىككى مۇخبىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرى ئەپەندىنى زىيارەت قىلغان. مۇخبىرلار يازغان خەۋەردە، خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا 60 يىلىدىن كېيىن مەنسەپكە قويغان خىتايچە تىلنى راۋان سۆزلەيدىغان، بوي-تۇرقى كېلىشكەن، 10 يىل مەخسۇس سىياسىي تەلىم ئالغان، شىنجاڭنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىپ، زور دەرىجىدە تەرەققى قىلدۇرۇپ ھەر مىللەت خەلقىغە بەخىت يارىتىدىغان ئەڭ ياش ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەر نۇر بەكرى ئەپەندى شىخۇئا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، شىنجاڭنىڭ بايلىقى مول ئىكەنلىكىنى، قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەپ 'جوڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان كىشى، ئەگەر ئاساسىي تىل-يېزىقنى بىلمىسە چەتلىشىپ كېتىدۇ' دېگەن نەزىرىيىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
نۇر بەكرى دەۋاتقان 'قوش تىللىق مائارىپ' بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ چەت تىل ئۆگىنىش مەقسىتى ئوخشاش ئەمەس
خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، نۇر بەكرى ئەپەندى ھەتتا ھاياجانلىنىپ كېتىپ، شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرىدىن 'نېمە ئۈچۈن بۆلگۈنچىلەر چەتئەل تىللىرىنى ئۆگىنىدىكەن؟' دەپ سوئال سورىغان. ئەمما شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرى ئۇنىڭ بۇ سوئالىغا جاۋاب بەرمىگەن.
ياۋروپادا چىقىدىغان 'غەرب شامىلى جۇرنىلى'نىڭ تەھرىرى، ھازىر شىۋېتسىيىدە تۇرۇۋاتقان ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندى ئاساسى تىلنى ئۆگەنمىسە چەتلىشىپ كېتىدۇ' دېگەن نەزىرىيە ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلان قىلدى. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ 'مىنىستىرلىقلارنى قىسقارتىش' دېگىنى قانداق ئىسلاھات؟
- شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىككى قۇرۇلتاي ھەققىدە قىسقىچە ئانالىز
- مۇسۇلمانلارنىڭ كوممۇنىزم ھەققىدىكى قاراشلىرى
- "مۈلۈك قانۇنى" ئاپتونوم رايونلاردا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مۈلكىنى قوغداش ئۈچۈنلا قوللىنىلىش ئېھىتمالى بار
- خىتايدىكى ئىككى چوڭ يىغىندا چىرايلىق گەپ تولا، خەلق ئىچىدە لەنەت-نەپرەت
- ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىملىق مەسىلىسى ھەققىدە قىلغان سۆزىگە ئىنكاسلار
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتايچە "سوتسىئالىستىك يېڭى يېزا" دا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كىرىمى چىقىمىنى قاپلىيالمايدۇ
- مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ئىككى چوڭ يىغىنغا دائىر يېڭى ئۇچۇرلار
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەكىللىرى ئۇيغۇر مەنپەئەتى ئۈچۈن سۆزلىيەلەمدۇ؟
- خىتاي بۇ يىلقى ھەربىي سېلىنمىنى 17.8 % كۆپەيتتى
- بۇ يىل بېيجىڭدا ئىككى چوڭ يىغىنغا قاتنىشىدىغان 5000 دەك ۋەكىل ئۈچۈن 500 مىڭ ئادەم تەرتىپ ساقلايدىكەن
- ۋاڭ لېچۇەن قاتارلىق كىشىلەر ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ









