نۇر بەكرىنىڭ سۆزلىرى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا تىكلىگەن ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرى نۇر بەكرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرى يەنى ئۇنىڭ "رابىيە قادىرنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى" دېيىشكە قارشى چىقىشى چەتەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى قوزغىدى.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتى نۇر بەكرىنى ئۇيغۇر خەلقى سايلىمىغان ، پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتى تىكلىگەن ئەمەلدار ئىكەنلىكى بىلەن ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللا قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا مەۋجۇت ئىنكاسلاردىن مەلۇمات بېرىدۇ.