خىتاي ھۆكۈمىتى تور بەتلەردە ئۇيغۇر ئېلىنى "تارىختىكى ئەڭ ئەۋزەل ۋەزىيەتتە "دەپ تەشۋىق قىلماقچى
2006.09.28

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە بېرىلگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلى پارتكوم ھەمدە ھۆكۈمەت ئاخبارات تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بىلەن نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاينىڭ 29 داڭلىق تور بەتلىرىدىن جەمئىي 100گە يېقىن مۇخبىر ئۇيغۇر ئېلىگە تەكلىپ بىلەن كەلتۈرۈلگەن.
چەتئەل مۇخبىرلىرى قاتناشتۇرۇلمىغان
28 - سېنتەبىر كۈنى ئېچىلغان بۇ خىتاي مۇخبىرلىرىنى كۈتىۋېلىش يىغىنىغا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى پارتكوم ھەمدە ھۆكۈمەتكە ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان پارتكوم مۇئاۋىن سېكرېتارى نۇر بەكرى، مۇخبىرلارنى ئۇيغۇر ئېلىنى كەڭ تەشۋىق قىلىشقا ئۈندەپ"ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى نۆۋەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋەزىيىتى ئەڭ ياخشى، ھەر مىللەت خەلقى پارتىيىنىڭ توغرا مىللىي سىياسىتى بىلەن تەرەققىي قىلىپ بېيىغان، سىياسىي ئىقتىساد مائارىپ جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەلىرى تارىختىكى ئەڭ ئەۋزەل ۋەزىيەتتە تۇرماقتا، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ تەرەققىياتى ئى كەڭ تەشۋىق قىلىڭلار، يەنىمۇ كۆپ مەبلەغ سالغۇچىلارنى قارشى ئالىدىغانلىقىمىزنى ياخشى تەشۋىق قىلىڭلار" دېگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان "ئاخبارات تور بەتلىرىدە شىنجاڭنى تونۇشتۇرۇش "پائالىيىتىگە گەرچە پۈتۈن خىتاينىڭ ھەممە جايلىرىدىن دېگۈدەك مۇخبىرلار تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، بىرمۇ چەتئەل ئاخباراتى ياكى چەتئەل مۇخبىرى قاتناشتۇرۇلمىغان.
ئەمەلىيەتتىن يىراق تەشۋىقات
گەرچە نۇر بەكرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ ھەسسىلەپ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئېلان قىلغان غەربىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ھەققىدىكى دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ باشقا رايونلارغا قارىغاندا زور دەرىجىدە ئارقىدا قالغانلىقى خەلقنىڭ كىرىم پەرقىنىڭ زورلۇقى، ئىقتىسادى قىيىنچىلىق تۈپەيلى مائارىپ قوبۇل قىلالماسلىق، داۋالىنالماسلىق مەسىلىلىرىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
بۈگۈن يەنە شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە خىتاينىڭ نۇقتىلىق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى ھەققىدە چىقارغان ستاتىستىكىسىدا ئۈرۈمچىنىڭ خىتاي بويىچە 43 ئورۇندا ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. بۇلتۇر ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشتە ئۈرۈمچى 34 ئورۇندا بولۇپ چىققان. ستاتىستىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى يەنىلا تۆۋەن ھېسابلىنىدىكەن.
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش رېئالنى ئەھۋاللار بىلەن نۇر بەكرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇخبىرلارغا ئېيتقان سۆزلىرىدە ئىپادىلەنگەن قارمۇ قارشىلىقلار، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدە قارشى ئىنكاسلارنى قوزغىغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت خەۋەر تورلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىنى تەشۋىق قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىغا قارىتا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئىنكاس قايتۇردى. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان زىيارىتىگە قارىتا ئىنكاسلار
- شاڭخەيدە تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ "تارىخ" دەرسلىكىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش بىر ياخشى باشلىنىش
- شىنجاڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ياشلىرىنى "ئىلاھ" ياساپ چوقۇنۇشقا سەپەرۋەر قىلماقتا
- ياۋرۇپا-ئامېرىكا ئۇچۇر ۋاستىلىرى "جاڭ زېمىن ئەسەرلىرى" نىڭ نەشر قىلىنىشى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا
- "ئارمىيىنى ھىمايە قىلىش" دېگەن ئۇيغۇر خەلقىغە مەجبۇرىي تېڭىلغان سىياسىي ھەرىكەت
- خىتايدا سىياسىي خىزمەت كادىرلىرى دۆلەت پۇقرالىرىغا يېپىشقان پارازىتلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدە ئارمىيىنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
- قادىر باقىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى
- ئامېرىكىلىقلار بىلەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بىر ناخشىنى تەڭ ئېيتامدۇ؟