0:00 / 0:00
نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن ئورۇنلىشىدىكى مۇزىكىلاردىن

مەرھۇم نۇرمۇھەممەت تۇرسۇننىڭ ئۇستازى، ئۇيغۇر مۇزىكا ساھەسىدىكى پىشقەدەملەرنىڭ بىرى ھۈسەنجان جامى ئەپەندى، رەپىقىسى شەمشىقەمەر خانىم شۇنداقلا شاگىرت ھەم بۇرادەرلىرىنىڭ ئارىمىزدىن ۋاقىتسىز ئۆچكەن بۇ تەمبۇر شاھىنىڭ سەنئەت ھاياتى ھەققىدىكى تەرىپلىرىنى ئاڭلاشنى خالامسىز؟
تالانتلىق ئۇيغۇر سازەندىسى نۇرمۇھەممەت تۇرسۇننىڭ مۇجۇلغان يۈرىكىنى تۇتقان ھالدا ، ھەسرەتلەن ھەم ئارمانلار بىلەن بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك كۆز يۇمغانلىق خەۋىرى، ئۇنى سۆيگەن كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىنى زىمىستان قىشنىڭ سوغىدىنمۇ بەك مۇزلاتتى ... خەلق ئۇنى تىترىگەن ئاۋازلىرى بىلەن "ياتقان يېرىڭ جەننەتتە بولغاي" دەپ، قىيمىغان ھالدا ئۇزاتتى .
ئەمما نۇرمۇھەممەت تۇرسۇننىڭ كەسپى غۇرۇرى ھەم روھى ،ئۇنىڭ مۇزىكىلىرى بىلەن تەڭ خەلق ئارىسىدىن مەڭگۈ يۈتمەيدۇ .