ئاۋسترالىيە پۇقراسى ئۇيغۇر نۇرپولات ئابدۇللا 2000- يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدىن بېرى قازاقىستان تۈرمىسىدە يېتىۋاتىدۇ. 2000- يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئالما-ئاتادا ئىككى قازاق ساقچىسى ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، قازاق دائىرىلىرى بۇ ئىككى ساقچىنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ ۋەقەدىن كېيىن قازاق ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك تۇتۇش ھەرىكىتى باشلانغان بولۇپ، نۇرپولات مۇشۇ ھەرىكەت جەريانىدا قازاق ساقچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان تەلەيسىز يۈز ئۇيغۇرنىڭ بىرى ئىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقسىتان ھۆكۈمىتى مەس بىر شاھىتنى سۆزلىتىش، ساقتا ئىسپاتلار ئويدۇرۇپ چىقىش ھەمدە مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش ئارقىلىق نۇرپولات ئۈستىدىن تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان دەپ دېلو تۇرغۇزۇپ ئۇنى 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
يېقىندا، ئاۋسترالىيىدە چىقىدىغان Herald Sun گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالە ئۇيغۇرلارغا، خەلقئارا جامائەت ھەمدە ئۇ پۇقراسى بولغان ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىگە، نۇرپولاتنى ۋە ئۇنىڭ ھېلىمۇ قازاق تۈرمىسىدە داۋاملىشىۋاتقان مۇشەققەتلىك ھاياتىنى قايتىدىن ئەسلەتتى.
نۇرپولات ئائىلىسىنىڭ ئۈمىدى ئازايغان
مارك دۇن تەرىپىدىن ئاۋسترالىيىدە چىقىدىغان Herald Sun گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدا، 36 ياشتىكى نۇرپولاتنىڭ 6 يىلىدىن بېرى قازاقسىتان تۈرمىسىدە يېتىۋاتقانلىقى، ئەگەر قازاقسىتان ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى ئەرزىنى قوبۇل قىلىنمىسا، نۇرپولاتنىڭ يەنە توققۇز يىل قازاق تۈرمىسىدە ياتىدىغانلىقى، بىلدۈرۈلگەن.
ماقالىسىدا نۇرپولاتنىڭ ئائىلىسىدە ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە بولغان ئۈمىدۋارلىقنىڭ ئازايغانلىقىنى ۋە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ تۈرمىدىكى ۋەزىيىتىدىن قايغۇرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن مارك دون ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ،
"مەس بىر شاھىت، مەقسەتلىك كۆمۈپ قويۇلغان بىر ئىسپات، مەجبۇرى ئىقرار قىلدۇرۇش ۋە ئوساما بىن لادىن بىلەن مۇناسىۋەت توغرىسىدا توقۇپ چىقىلغان يالغان ھېكايە بىر ئاۋسترالىيە پۇقراسنىڭ 6 يىلدىن بېرى قازاقسىتان تۈرمىسدە يېتىشىغا سەۋەب بولماقتا. "
قارىلىنىشتا پاكىت تولۇق ئەمەس
نۇرپولاتنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئېيتىشىچە، قازاق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نور پولاتنى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ ئارتىلغان بوھتاننى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۈچ شاھىت ئوتتۇرىغا چىقارغان. لېكىن سوتقا شاھىتلەرنىڭ بېرى نۇرپولاتنىڭ تېررورلۇق بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئىپادىلىگەن، ئىككىنچى شاھىت مەس ئىكەن، ئۈچۈنچى شاھىت بولسا ھېچقاچان سوتقا كەلمىگەن. "
نۇرپولاتنىڭ ئايالىنىڭ ئېيتىشىچە، نۇرپولات قازاق ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغاندا نىمە ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىدىن ھەتتا قانداق جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىدىن خەۋەر تاپالمىغان. ئۇ قانداق جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىدىن سوت مەھكىمىسىدە خەۋەر دار بولغان.
قازاق ساقچىلىرى نۇرپولاتنى تۇتقاندىن كېيىن ئۇنى قاتتىق ئۇرۇپ، قىينىغان ھەمدە ئۇنى ئىقرارنامىگە قول قويۇشقا مەجبۇرلىغان. لېكىن ئۇ قول قويۇشنى رەت قىلغان. نۇرپولات بېشىغا يېگەن تاياق زەربىلىرىدىن ئەقلىنى يوقىتىپ قويۇشقا ئاز قالغان. قازاق ساقچىلىرى ئاخىرىدا نۇرپولاتنىڭ بارماق ئىزىنى ئىقرارنامىگە باسقان. بۇنىڭدىن بىر كۈن كېيىن قازاقىستان ساقچىلىرى ئۇنىڭ بارماق ئىزىنىڭ ھويلىسىدا تېپىلغان بىر قول بومبىسىدا كۆرۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بۇنى دەلىل سۈپىتىدە سوتقا سۇنغان. "
نۇرپولاتنىڭ ئايالى، تۇنجى قېتىمقى سوتقا سوتچى ساقچىلارغا بۇ ناھايىتىمۇ ئاجىز بىر ئىسپات. يا ماڭا باشقا دەلىللەر تېپىپ كېلىڭلار ياكى مەن ئۇنى قويۇپ بېرىمەن، دېگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ئاخىرىدا، دەيدۇ مارك دۇن ئاۋسترالىيىدە چىقدىغان Herald Sun گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدا، "نۇرپولات ئابدۇللا 2001- يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، يېپىق سوتتا 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. قازاق ھۆكۈمىتى ھەتتا ئاۋسترالىيە ئەلچىخانىسى خادىملىرىنىڭ سوتقا قاتنىشىشىغا رۇخسەت بەرمىگەن. "
نۇرپولاتنىڭ تۈرمىدىكى ھاياتى مۇشەققەتلىك
نۇرپولاتنىڭ قازاق دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇشى ۋە 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى ئامېرىكىدا 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەلىرىدىن كېيىن يۈز بەرگەن بولۇپ، نۇرپولاتنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلانغان.
ماقالىسىدا، نۇرپولاتنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن قازاقسىتان ھۆكۈمىتىگە سۇنغان ئەرزىنى قوللاپ- قۇۋۋەتلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن مارك دۇن، نۇرپولات ئۇنىڭغا بېرىلگەن قاماق جازاسىنىڭ ئۈچتە بىر قىسمىنى تۈگەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
مارك دۇ ماقالىسىدە، نۇرپولاتنىڭ قازاقسىتاننىڭ قاراگانداي رايونىغا جايلاشقان دولىنكا تۈرمىسىدىكى مۇشەققەتلىك ھاياتى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
"تۈرمىدە پارىخورلۇق ۋە تاياق مەھبۇسلار ھەر كۈن دېگۈدەك دۇچ كېلىدىغان ئىش. نۇرپولات تۈرمىدىكى يېمەك- ئىچمەك قاتارلىق ئىھتياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن تۈرمە يېقىنىدىكى بىر كۆمۈركانىدا ئىشلىشى كېرەك. رايوندا ھاۋا شەرتلىرى ناھايتى ناچار ھەمدە قاتتىق سوغاق. ھاۋا بۇلغىنىشى ناھايتى ئېغىر بولۇپ ھەتتا قارنىڭ رەڭگىمۇ قارا. "
مارك دون، ئۇنتۇلغان ئاۋسترالىيە پۇقراسى مەھبۇس ناملىق بۇ ماقالىسى ئارقىلىق، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە ئاۋسترالىيە خەلقىغە بىر ئاۋسترالىيە پۇقراسىنىڭ قازاقسىتان تۈرمىسىدىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى ئەسلەتكەن. شۇندقلا ماقالىسىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەمدە ئاۋسترالىيە تۈركىستان جەمئىيىتى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ نۇرپولاتنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى خاتىرلىتىش ئارقىلىق، دۇنيادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا شۇنداقلا ئۇيغۇر جاماتىگە، قازاقىستاندا ھەقسىز تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسى نۇرپولاتنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئەسكەرتكەن.