نۇرسۇلتان نازاربايېف قەسەمياد مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
2006.01.11
11-يانۋار كۈنى قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدىكى ئاق ئوردىدا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
ئەنئەنە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن قەسەميات مۇراسىمى دۆلەت گېمى "مېنىڭ قازاقىستانىم" ئىجراسىدىن كېيىن، ئاق كىگىز يېيىلغان ئاق ئوردىنىڭ ئالدىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىمدا يەتتە يىللىق پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان نازاربايېف خەلقنىڭ دېموكراتىيىسى ۋە ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر مۇراسىم ھەققىدىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللادىن ئاڭلاڭ.
©
2006 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- نۇرسۇلتان نازاربايېف پرېزىدېنتلىققا قەسەم بەردى
- قازاقىستاندىكى پرېزىدېنت سايلامنىڭ نەتىجىسى داۋاملىق تەنقىتكە ئۇچرىماقتا
- خەلقئارا تەشكىلاتلار، قازاقىستاندىكى سايلامنىڭ ئۆلچەمگە يەتمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا
- قازاقىستاندىكى سايلام نەتىجىسى ھەققىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھېس قىلغانلىرى
- نازاربايېف قازاقىستانغا يېڭى ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەرمۇ؟