0:00 / 0:00
11-يانۋار كۈنى قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدىكى ئاق ئوردىدا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
ئەنئەنە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن قەسەميات مۇراسىمى دۆلەت گېمى "مېنىڭ قازاقىستانىم" ئىجراسىدىن كېيىن، ئاق كىگىز يېيىلغان ئاق ئوردىنىڭ ئالدىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىمدا يەتتە يىللىق پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان نازاربايېف خەلقنىڭ دېموكراتىيىسى ۋە ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر مۇراسىم ھەققىدىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللادىن ئاڭلاڭ.