ئۇيغۇر مەرىپەتپەرۋەر ساخاۋەتچىلەر - تارىختا ۋە بۈگۈن

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى زامان مائارىپىنى قوبۇل قىلىشى 19 - ئەسىرنىڭ 70 يىللىرىدىن باشلاندى. بۇنىڭغا ئەينى دەۋىردىكى كاتتا كارخانىچى مۇسا ھاجىم مۇساباينىڭ قوشقان تۆھپىسى ئالاھىدە بولغان. يەنى 1870 - يىلى ئىلى بەيتۇللا مەسچىت يېنىدا مۇسابايوفلار ئۆزى يېنىدىن مەبلەغ چىقىرىپ قۇرغان پەن مەكتىپى بىلەن ئۇيغۇر يېڭى مائارىپنىڭ ئۇلىنى سالدى. ھەتتا ئۇلار چەتئەللەرگىچە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىپ، تاپقان مال - پۇلىنى خەلقنىڭ ئەقلىنى بېيىتىشقا سەرپ قىلغان.

ئەمدى زامانىمىزدىچۇ ؟ ئۇيغۇر سودىگەر ‏- كارخانىچىلارنىڭ بۇ خىل مەرىپەتپەرۋەرلىك ئەنئەنىسى توختاپ قالغىنى يوق. خەلقنىڭ غېمىنى يەيدىغان، مائارىپقا كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇسابايېفدەك مەرىپەتپەرۋەرلەرنىڭ ئىزىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىقماقتا.

10 يىل بۇرۇن 3 مىليون 800 مىڭ يۈئەن مەبلەغ سېلىپ ئىلىدا يېتىم ‏- يېسىرلار ئۈچۈن "نۇرتاي ھاجى يېتىملار مەكتىپى" قۇرغۇچى نۇرتاي ھاجى ئىسكەندەرنى مانا شۇلارنىڭ ئىز باسارلىرىنىڭ بىرى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.

بارلىق چىقىمى نۇرتاي ھاجىم ھۆددىسىدىكى بۇ پۈتۈن كۈنلۈك، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپ مەكتىپى -1996 يىلى سېنتەبىردە رەسمىي دەرس باشلىغاندىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىگە ‏- چاقىسىز، ئوقۇشسىز قالغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئىللىق ئائىلىگە، ئىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدى. بۇ ئالاھىدە ئائىلىگە ئوخشاش مەكتەپ 10 يىل داۋامىدا نەچچە تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنى ئالىي مەكتەپلەرگىچە ئۇزاتتى. ھازىر بۇ مۇكەممەللەشكەن پۈتۈن كۈنلۈك مەكتەپنىڭ 300 ئوقۇغۇچىسى، 35 نەپەر ئوقۇتقۇچىسى، ئىشچى ‏- خىزمەتچىسى بار ئىكەن. بۇ مەرىپەت باغچىسىنىڭ ئىللىق قوينىغا ئېلىنغان يېتىم بالىلار نۇرتاي ھاجىنى دادا دېيىشىدىكەن. نۇرتاي ھاجىمنىڭ مانا مۇشۇنداق بالىلىرى داۋاملىق كۆپەيمەكتە.

يېقىندا " نۇرتاي ھاجى يېتىملار مەكتىپى" قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەمدە مەرىپەتپەرۋەرلەر نۇرتاي ھاجىغا ئوخشاش ساخاۋەتلىك مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەرگە ئاپىرىنلار ئوقۇش بىلەن تەڭ تۈرلۈك بېسىملار ئاستىدا، نامراتلىق، نادانلىقتىن قۇتۇلالمايۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن مۇنداق ساخاۋەت ئىگىلىرىنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا چىقىشىنىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلماقتا. بۇ ھەقتە ئىگىلىك تىكلەش ھەمدە مەرىپەتپەرۋەرلىك ساخاۋەتچىلىكنىڭ بايرىقىنى تىكلىگۈچى مۇسابايوفلارنىڭ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئەۋلادلىرىدىن نۇرمۇھەممەت مۇساباي ئەپەندى " نۇرتاي ھاجى " مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى قۇتلۇقلاش بىلەن تەڭ، نۇرتاي ھاجىدەك ساخاۋەت ئىگىلىرىگە ئۇتۇقلار تىلىدى.

كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن گۈزەل خانىم، بولۇپمۇ ھازىرقى دەۋردە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مائارىپقا، جەمئىيەت پاراۋانلىق ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ساخاۋەتچىلەرنىڭ يېتىشىپ چىقىشىنىڭ تېخىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە توختالدى.