نۇرۇنگۈل توختى خىتاي ساقچىلىرى بىلەن تۆت سائەت تىركەشتى

بالىسىنىڭ قاچۇرۇلۇش ۋەقەسىگە قارشى داۋادا، ئالدىنقى ھەپتە قىسمەن نەتىجىگە ئېرىشكەن نۇرۇنگۈل توختى، ئۆزىنىڭ ئۇچتۇرپان دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆتكەن يىلى ھەقسىز ھالدا 39 كۈن سولاپ قويۇلغانلىقىغا قارشى داۋا باشلىغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-03-01
Share
nurungul-toxti-balisi رەسىمدە نۇرۇنگۈل توختى 9 ياشلىق ئوغلى بىلەن. 2011-يىلى 25-دېكابىر، بېيجىڭ.
RFA/Shohret Hoshur

ئۇنىڭ ناھىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپىگە يالغاندىن ماقۇل بولۇپ، يېڭىئاۋات يېزىسىدىكى ئۆيىدىن ئېلىپ ماڭغان ساقچىلار، بۈگۈن ئۇنى ئۇدۇل ناھىيە بازىرىدىكى ياشانغانلار ساناتورىيىسىگە ئېلىپ بارغان. نۇرۇنگۇل ساناتورىيىنىڭ تېمىدىن ئاتلاپ قېچىپ چىقىپ، ناھىيە بازىرىغا كەلگەندە، ساقچىلار ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىپ تۇتۇۋالغان. نۇرۇنگۇل توختى ئۇچتۇرپان ناھىيە بازىرىدا ئۆزىنى ئاپتوموبىلدا مەجبۇرىي ئېلىپ ماڭماقچى بولغان ساقچىلار بىلەن 2 سائەت ئەتراپىدا تىركەشكەن؛ ۋەقە يۈز بەرگەن مەيدانغا 2يۈزدىن ئارتۇق كىشى توپلىشىپ، ۋەقەگە شاھىت بولغان.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت