ئەركىن ئالىپتېكىن ئەرجېيىس ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكسىيە سۆزلىدى

0:00 / 0:00

ئەنقەرەدە ئۇيۇشتۇرۇلغان "شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى" ناملىق مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى قەيسىرى شەھىرىگە بېرىپ، ئەرجېيىس ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى.

ئەركىن ئالىپتېكىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.