پرېزىدېنت بۇشنىڭ رەسمىي ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقى

INAUGURATION_BUSH_OATH_.jpg

20 - يانۋار كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدە جورج ۋاكەر بۇشنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

ئىككىنچى قېتىم ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان جورج بۇش، ۋاشىنگتون ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دىن 56 مىنۇت ئۆتكەندە سول قولىنى " ئىنجىل" نىڭ ئۈستىگە قويۇپ تۇرۇپ رەسمىي قەسەميات قىلدى. ئارقىدىن ئۇ رەسمىي ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش نۇتقى سۆزلىدى .

ئۆلۈمگە ئۇچراۋاتقان، تۈرمىدە يېتىۋاتقان ۋە سۈرگۈندە ياشاۋاتقان دېموكراتىك ئىسلاھاتچىلار! ئامېرىكا سىلەرنى، خەلقىڭلارنىڭ ۋە كەلگۈسىدىكى ئەركىن دۆلەتلىرىڭلارنىڭ رەھبەرلىرى دەپ قارايدۇ.

ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرىنىڭ رەسمىي ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا سۆزلەيدىغان نۇتقى، مۇراسىمنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ، يېڭى سايلانغان پرېزىدېنتنىڭ كېلەركى تۆت يىل ئىچىدە ئېلىپ بارىدىغان ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ.

مۇشۇ سەۋەبتىن پرېزىدېنت بۇشنىڭ پەيشەنبە كۈنى رەسمىي ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى.

پرېزىدېنت بۇشنىڭ نۇتقىنى تەھلىل قىلغان ئانالىزچىلار، جورج بۇشنىڭ نۇتقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كېلەركى تۆت يىلدا بولۇپمۇ تاشقى مۇناسىۋەتتە، ئۆتكەن تۆت يىلدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بىر سىياسەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ دېيىشمەكتە.

كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە

سىياسىي ئانالىزچىلار، بۇشنىڭ نۇتقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كېلەركى تۆت يىل ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇقۇملارغا كۆرسىتىدىغان ھۆرمىتىگە قاراپ بەلگىلەيدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى ھېسابلىنىدۇ دەپ كۆرسەتمەكتە .

ھېچكىم باشقا بىراۋنىڭ خوجايىنى قىلىپ يارىتىلمىغاندەك، ھېچكىم قۇل بولۇپ يارالمىغان.

بەزى سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پرېزىدېنت بۇشنىڭ رەسمىي ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقى، خىتاي، ئىران، شىمالىي كورىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دىكتاتور دۆلەتلەر ئۈچۈن بىر ئاگاھلاندۇرۇش ھېسابلىنىدىكەن.

پرېزىدېنت بۇش ئىككىنچى قېتىم ئامېرىكا پرېزدېنتلىق ۋەزىپىسنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نوتقىدا مۇنداق دىگەن:

"ۋەقەلەر ۋە ئومۇمىي ساۋاتتىن بىز بىر خۇلاسە چىقاردۇق. ئەركىنلىكنىڭ بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىزچىل داۋاملىشىشى بارغانسىرى ئەركىنلىكنىڭ باشقا دۆلەتلەردە غەلىبە قىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولماقتا. تىنچلىقنىڭ بىزنىڭ دۇنيامىزدا داۋاملىشىشىنىڭ ئەڭ ياخشى يولى ئازادلىقىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا كېڭىيىشىدىن ئىبارەت. بىز ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۆزىنى- ئۆزى ئىدارە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز. چۈنكى ھېچكىم باشقا بىراۋنىڭ خوجايىنى قىلىپ يارىتىلمىغاندەك، ھېچكىم قۇل بولۇپ يارالمىغان. بۇنداق ئىدىيىلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش بىزنىڭ ئۇلۇغ دۆلىتىمىزنىڭ ۋەزىپىسىدۇر".

ئەركىنلىك ئىدىيىسىنى قوللاش ۋە قوغداش

ئىستىبدات تۈزۈملەرنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتقان خەلقلەر شۇنى بىلىڭلاركى، ئامېرىكا سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى كۆرمەسلىككە سالمايدۇ ھەمدە سىلەرگە زۇلۇم قىلىۋاتقانلارنى ھەرگىزمۇ كەچۈرمەيدۇ. سىلەر قاچان ئەركىنلىك ئۈچۈن يېڭىڭلارنى تۈرسەڭلار ئامېرىكا سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا بولىدۇ

پرېزىدېنت بۇش رەسمىي ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا، ئەركىنلىك ئىدىيىسىنى قوللاش ۋە قوغداشنىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكا مىللىي بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بىر ئېھتىياج ۋە ۋاقىتنىڭ تەققازاسىغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دىدى:

"شۇنىڭ ئۈچۈن، دۇنيادا مۇستەبىت تۈزۈملەرنى يوقىتىش مەقسىدىدە ھەرقايسى دۆلەتلەردە دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ ۋە دېموكراتىك ئورگانلارنىڭ كۈچىيىشىنى قوللاپ- قۇۋۋەتلەش ئامېرىكىنىڭ دۆلەت سىياسىتىدۇر.

گەرچە بىز ئۆزىمىزنى ۋە دوستلىرىمىزنى قورال كۈچى بىلەن قوغداشقا تەييار بولساقمۇ، ئەمما بۇ پەقەت قورال كۈچى بىلەن قىلىدىغان ئىش ئەمەس. ئەركىنلىكنى پۇقرالار ئۆزلىرى تاللاپ قوغدايدۇ شۇنداقلا ئۇ قانۇن ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوغداش ئارقىلىق داۋاملىشىدۇ.

ئامېرىكا سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا

نۇتقىدا، ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرگە پەقەت ئۆز خەلقىغە ئادالەتلىك مۇئامىلە قىلغاندىلا ئامېرىكا بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت قۇرالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، بۇ دۆلەتلەرنى ئىسلاھات ئېلىپ بىرىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن پرېزىدېنت بۇش مۇنداق دىدى:

"ئىستىبدات تۈزۈملەرنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتقان خەلقلەر شۇنى بىلىڭلاركى، ئامېرىكا سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى كۆرمەسلىككە سالمايدۇ ھەمدە سىلەرگە زۇلۇم قىلىۋاتقانلارنى ھەرگىزمۇ كەچۈرمەيدۇ. سىلەر قاچان ئەركىنلىك ئۈچۈن يېڭىڭلارنى تۈرسەڭلار ئامېرىكا سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا بولىدۇ"

"بىز ئىستىبدات تۈزۈملەرنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى قوبۇل قىلالمايمىز. چۈنكى بىز قۇللۇقنىڭ ئاداققىچە داۋاملىشىشىنى قوبۇل قىلمايمىز.

نۇتقىدا ئەركىنلىكنى سۆيگەن كىشىلەر چوقۇم ئەركىنلىككە ئېرىشىدۇ دەپ تەكىتلىگەن پرېزىدېنت جورج بۇش، ئۆز ۋەتىنى ئىچىدە ۋەياكى ۋەتەن سىرتىدا خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان پائالىيەتچىلەرگە سۆز قىلىپ مۇنداق دىدى

"ئۆلۈمگە ئۇچراۋاتقان، تۈرمىدە يېتىۋاتقان ۋە سۈرگۈندە ياشاۋاتقان دېموكراتىك ئىسلاھاتچىلار! ئامېرىكا سىلەرنى، خەلقىڭلارنىڭ ۋە كەلگۈسىدىكى ئەركىن دۆلەتلىرىڭلارنىڭ رەھبەرلىرى دەپ قارايدۇ. (قانات)