ئوباما ئامېرىكىنىڭ ئەلقائىدىگە قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغانلىقىنى جاكارلىدى

س ب س CBS تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما تۈنۈگۈن (پەيشەنبە كۈنى) كەچتە ئاقسارايدا 'بىز ئۇرۇشقا كىرىپ قالدۇق، بىز ھازىر ئەلقائىدىنىڭ يېراق جايلاردا يۇشۇرۇنۇپ يۈرۈپ، 2001‏- يىل 11‏- سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكىدا 3 مىڭدىن ئارتۇق بىگۇنا خەلقنى قىرغاندىن كېيىن، يەنە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قانۇنسىز ھەرىكەت تورىغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلاندۇق. ئەمدى بىز ئۆزىمىز خالىغان شەكىل بىلەن زەربە بېرىپ ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىمىز' دەپ جاكارلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.01.08
Obama-Terror-hujumi-toghrisida-sozde-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎﻧﯩﯔ ﺭﻭﺩﮊﯨﺴﺘﯩﯟﺍ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﺮﺭﻭﺭﻟﯘﻕ ﻫﯘﺟﯘﻣﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺗﯧﺮﺭﻭﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
www.whitehouse.gov ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

'ئەمدى ئەلقائىدىچىلەرنى تىنچلىقپەرۋەر مۇسۇلمانلار ئارىسىدىن قوغلاپ چىقىرىشىمىز لازىم '

ئوباما تۈنۈگۈن ئەلقائىدىچىلەرگە قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغانلىقىنى جاكارلىغاندا، 'بىزگە ئايانكى، مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ سانلىقى ئەلقائىدىچىلەرنى رەت قىلىدۇ. ئەمما ئەلقائىدىچىلەر تىنچ ياشاۋاتقان بىگۇنا خەلقنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن، ئوتتۇرا شەرقتىلا ئەمەس، ئافرىقىدا ۋە باشقا جايلاردىمۇ، ئۆزىنىڭ تېررورچى تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق، سېپىگە قاتنىشىشنى خالايدىغان تونۇلمىغان تېررورچىلارنى توپلاپ سۈيىقەست پىلانلاپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمدى بىز ئۇلارنى تىنچلىقپەرۋەر مۇسۇلمانلار ئارىسىدىن قوغلاپ چىقىرىشىمىز لازىم' دەپ كۆرسەتتى.

ئوباما سۆزىدە يەنە، ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، خەلقنىڭ تىنچ، بىخەتەر ۋە ئۆز غۇرورى بىلەن ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن 'يېڭى ئىستراتېگىيە قوللىنىش لازىم،' دېدى.

ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتى ئۆزگەردى، بۇنىڭدىن كېيىن ۋاشىنگتوندا ۋە دۇنيادىكى مۇناسىۋەتداشلىرى ئارىسىدا ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئاۋازى جاراڭلايدۇ

رويترس ئاگېنتلىقنىڭ ميۇنىختىن بايان قىلىشىچە، مۇئاۋېن پرېزىدېنت بايدېن بۈگۈن گېرمانىيىدە، ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتى ئۆزگەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇ سۆزىدە 'بۇنىڭدىن كېيىن ۋاشىنگتوندا ۋە دۇنيادىكى مۇناسىۋەتداشلار ئارىسىدا ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئاۋازى جاراڭلايدۇ. مەن بۈگۈن ياۋروپاغا بۇنى ئاڭلاتقىلى كەلدىم. بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا ھەربىي كۈچ دىپلوماتىيىسنى كۈچەيتىدۇ. ئامېرىكا ئۆزى ئىشنى كۆپرەك قىلىدۇ، شۇنداقلا، ھەممە ئىتتىپاقداشلىرىنى يۈكنى كۆپرەك ئۈستىگە ئېلىشقا چاقىرىدۇ. ئامېرىكا ھازىر پۈتۈن دۇنيانىڭ ياردىمىگە مۇھتاج، خۇددى پۈتۈن دۇنيا ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولغاندەك' دېدى.

ب ب س بۈگۈنكى خەۋىرىدە، ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا دىپلوماتىيە جەھەتتە نىشانلىق يارەم بېرىش سىياسىتى قوللىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى ئۇچۇر ۋاستىلىرى، ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان 'تېلېگراف گېزىتى' قاتارلىق دۇنيادىكى باشقا چوڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىمۇ بۈگۈن، ئامېرىكىنىڭ ئەلقائىدىگە قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغانلىقى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىمۇ ئۆزگەرگەنلىكى ھەققىدە يېڭى مۇلاھىزە، ئوبزور ۋە ھەر خىل مۇنازىرىلەرنى ئېلان قىلدى.

خىتاي بۈگۈنكى باياناتىدا ئامېرىكىنى 'خىتاي بىلەن بولغان ھەربىي جەھەتتىكى ئىشەنچلىك مۇناسىۋەتنى بۇزدى ' دەپ ئەيىبلىدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي بۈگۈن، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە يېڭى تىپلىق ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېستىمىسى سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىغانلىقىنى 'ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەربىي جەھەتتىكى ئىشەنچلىك مۇناسىۋەتنى بۇزغانلىقى' دەپ ئەيىبلەپ، قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇاڭ شۆپىڭ بۈگۈنكى باياناتىدا، ئامېرىكا جورجى بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىرىغا ۋارسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جاھىللىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، تەيۋەن مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچلىك ھەربىي مۇناسىۋەتنى بۇزدى، دەپ جاكارلىدى.

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن جەمئىيىتى تۈنۈگۈن كېچىدە، ئامېرىكىنىڭ لوكت مارتىن شىركىتى تەيۋەنگە، دەرىجىسى ئۆرلىتىلگەن 'ۋەتەنپەرۋەر ئۈچ' بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئاتىدىغان ئەسلىھەلىرى بىلەن بىللە سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە يەنە، باشلانغۇج باسقۇچتىكى 'ۋەتەنپەرۋەر ئۈچ' بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېستىمىسىغا ئۈچ دانە ئوق ئۇچى قاچىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىم تەيۋەنگە بېرىلىدىغان ئىلغار تىپلىق 'ۋەتەنپەرۋەر ئۈچ' بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېستىمىسىغا 16 ئوق ئۇچى قاچىلاش مۇمكىن ئىكەن. بۇ قېتىم تەستىلانغان پىلان يەنە، U60 قارا لاچىن بەلگىلىك ئىلغار تىك ئۇچار، ET2 بەلگىلىك ئالدىن سېگنال بېرىش سېستىمىسى، بىنەپشە نۇر قوللىنىدىغان سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە بۇ بىر يۈرۈش سېستىمىغا مۇناسىپ قوماندانلىق شىتاب لايىھىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Jan 08, 2010 12:05 PM

ﯪﻕ ﺋﯧﺖ ﻛﯚﻙ ﺋﯧﺖ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﯮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯧﺖ ،
ﯮﺑﺎﻣﺎ ﺳﻪﻝ ﯪﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ .ﺟﻮﺭﺟﻰ ﺑﻮﺵ ﯪﯪﻏﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻏﺎ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﻠﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﭼﯘﺟﯩﻨﻰ ﺧﺎﻡ ﺳﺎﻧﺎﯞﺍﺗﯩﺪﯗ