'ئوباما بىلەن دالاي لاما ئۇچرىشىشى ۋە ئامېرىكا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە يۈكسىلىۋاتقان سۈركىلىش' تېمىسىدا ماقالا

يېقىندا خەلقئارالىق ئىستىراتېگىيە تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدە ئوباما بىلەن دالاي لامانىڭ ئۇچرىشىشى ۋە ئامېرىكا ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە يۈكسىلىۋاتقان سۈركىلىش' دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىنى مەزكۇر ئىدارىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور سەلچۇق چولاقئوغلۇ يازغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2010-02-24
Share
Obama-Dalay-lama-sohbette-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 18 -ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﻗﺴﺎﺭﺍﻳﺪﺍ ﺩﺍﻻﻱ ﻻﻣﺎﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺳﯚﻫﺒﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﺋﺎﻗﺴﺎﺭﺍﻱ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

ماقالىدە ئاساسلىقى ئامېرىكا ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئىقتىسادى ۋە سىياسىي مەسىلىلەر، تىبەت، تەيۋەن ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئورنى ھەققىدە توختالغان.

ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارەت تەڭلىمە ئىستراتېگىيىسى

ماقالە مۇنداق باشلانغان: باراك ئوباما رەئىس بولۇپ سايلانغان 2009 ‏- يىلىنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى، جورج بۇش دەۋرىگە قارىغاندا تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدىغانلىقى كۈتۈلۈۋاتقان ئىدى. ئەمما يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە ۋاشىنگىتون ۋە بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بەزى سىياسىي ۋە ئىقتىسادى مەسىلىلەر سەۋەبىدىن سۈركىلىشكە باشلانغانلىقى كۆرۈلمەكتە. ئەسلىدە يېقىندىن بۇيان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە سىياسىي مەسىلىلەردىن كۆپرەك ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان ئىدى. بۇ يەردە ئىقتىسادىي ۋە تىجارەت سىياسەتلىرىدە ئۆزگەرتىش تەلەپ قىلغان تەرەپ بولسا ۋاشىنگىتون. ئامېرىكىنىڭ 2008 ‏- يىلىدىكى خىتاي بىلەن بولغان تىجارىتىدە 114 مىليارد دوللار كېمەيگەن. رەئىس ئوبامانىڭ 2009 ‏- يىلى 11 ‏- ئايدا خىتايدا ئېلىپ بارغان تۇنجى قېتىملىق زىيارىتىدە ئەڭ كۆپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلە بولسا، تىجارەتتىكى كېمەيگەن بوشلۇقنى تولدۇرۇش، تەڭلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئىدى. ئامېرىكا بۇ بوشلۇقنى تەڭلەشتۈرۈش ئۈچۈن بەزى خىتاي ماللىرىغا باج قويدى ياكى سۈپەت تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئامېرىكىغا مال ئېكسپورت قىلىشنى قىيىنلاشتۇردى.

ئامېرىكا يەنە، خىتاي پۇلى يۈەننىڭ قىممىتىنى بېيجىڭ تەرەپ قەستەن تۆۋەن تۇتۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئامېرىكا دوللىرىغا قارىغاندا خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە رۇخسەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. يېقىندا يەنە خىتايدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ ئىنتېرنېت شىركەتلىرىگە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەكلىمە قويۇشى، ھەر خىل توسالغۇلارنى پەيدا قىلىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە يەنە بىر مەسىلە پەيدا قىلدى. بۇ خىلدىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئىلگىرىلەش بولماي، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىمۇ ئەلۋەتتە سەلبىي تەسىرگە ئۇچراشتىن خالى بولالمىدى.

ماقالىدە يەنە، خىتاينىڭ سودا ‏- تىجارەتتە كۆپلەپ مال ئىمپورت قىلىپ باشقا دۆلەتلەردىن ئاز ھەجىمدە مال سېتىۋېلىش بىلەن دۆلەتلەر ئارا تىجارەتتە تەڭسىزلىك پەيدا قىلغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن، خىتايغا زامانىۋى تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىنى ئىمپورت قىلىۋاتقان ياپونىيە ۋە شىمالىي كورىيە بىلەن، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىۋاتقان رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىن باشقا پۈتكۈل دۆلەتلەر بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەتتە تەڭسىزلىك مەۋجۇت. يەنى خىتاي كۆپلەپ مال سېتىپ، ئۇ دۆلەتلەردىن مال ئالماي كەلدى. خىتاي بۇنىڭ سايىسىدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچەيمەكتە. خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى سودا ‏- تىجارەتتىكى تەڭسىزلىكنى تەڭشەش ئۈچۈن خىتايغا تەلەپ سۇنماقتا. شۇنىڭدەك تۈركىيىنىڭ 2008 ‏- يىلى خىتاي بىلەن بولغان تىجارىتىدە 15 مىليارد دوللار تەڭسىزلىك بولغان. 2009 ‏- يىلى 6 ‏- ئايدا خىتايغا زىيارەتكە بارغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ شۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەتنى تەڭلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئىدى.

خىتاي باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇ خىل تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلغان تەقدىردە ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل تەلەپلەر خىتاي تەرەپتىن قوبۇل قىلىنمايدۇ. خىتاي پەقەت ئىقتىساد ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئىچكى مۇقىملىقى جەھەتتىنمۇ سىستېمىلىق بىر ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئېھتىياجى بارلىقىنى ھېس قىلماقتا. خىتاي تەخمىنەن 20 يىلدىن بىرى يىللىقى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يۈزدە 8 ‏- 10 پرسەنت ئۆرلەش ئىچىدە چوڭ بىر ئىقتىسادى كۈچ پەيدا قىلماقتا. شۇنداق قىلىپ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆز ئىچىدىن ھۆكۈمەتكە قارشى قوزغىلىش ئېھتىمالى بولغان ئىجتىمائىي ھەرىكەتنىڭ ئالدىنى ئالماقتا. ئەمما خىتايدا ھازىر 800 مىليون ئىنسان نامرات ياشايدۇ، شۇ سەۋەبتىن خىتاي ئىزچىل ۋە مۇقىم بىر تەرەققىياتتىن ۋاز كېچەلمەيدىغان سىياسىي ھالغا كەلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەت تەۋەلىكىدىكى شىركەتلەر پايدا تېپىلمىسىمۇ، ھەتتا زىيان تارتسىمۇ ئىستېمالچىلارنى كۆپەيتىش ئۈچۈن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى داۋام قىلماقتا. بۇ سەۋەبتىن خىتاي پەقەت سىياسىي جەھەتتىن تەيۋەن، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستانغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ جان تومۇرى بولغان سەزگۈر مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ۋە ياكى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان دۆلەتلەرنىڭ تەلەپلىرىگە قارىتا تېخىمۇ دىققەت بىلەن مۇئامىلە قىلماقتا.

ئىرانغا قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش مەسىلىسى

ماقالىدە يەنە ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىگە خىتاينىڭ قارشى چىققانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يېزىلغان: خىتاي ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئەڭ مۇھىم سىياسىي كېلىشەلمەسلىك بولسا، ئاتوم ‏- يادرو پروگراممىسى سەۋەبىدىن ئىرانغا يۈرگۈزمەكچى بولغان ئىقتىسادى ئېمبارگو مەسىلىسىدۇر. ھازىرغىچە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5 دائىمىي ئەزاسىدىن ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ئىرانغا ئىقتىسادىي ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ھەققىدە چىڭ تۇرغان بولسىمۇ، باشقا ئىككى ئەزا يەنى رۇسىيە ۋە خىتاي بۇنىڭغا قارشى چىقماقتا. رۇسىيە يېقىنقى ئايلاردا ئىران ھەققىدە غەرب دۆلەتلىرىنى قوللىغان ھالدا بىر سىياسەت يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي يالغۇز قالدى. خىتاي ھەم سىياسىي ھەم تېخىمۇ مۇھىمى ئىقتىسادى سەۋەبتىن ئىرانغا قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە قارشى چىقماقتا. سىياسىي جەھەتتىن خىتاي 2000 ‏- يىلى ئوتتۇرىغا قويغان 'تىنچلىق بىلەن يۈكسىلىش' پىلانى ئەتراپىدا غەرب دۇنياسى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغان ۋە ياكى ئېتىبارغا ئېلىنمىغان 3 ‏- دۇنيا دۆلەتلىرىدە بىر ئىمتىيازغا ئىگە بولۇش سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە. بۇ سىياسەتنىڭ سايىسىدە خىتاي ھەم دۇنيادا سىياسىي ئىمتىيازىنى كۈچەيتمەكتە، ھەم بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى شارائىتلىرىدىن پايدىلىنىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرمەكتە.

ماقالىدە يەنە، خىتاينىڭ ئىرانغا يۈرگۈزۈلمەكچى بولغان ئىقتىسادى ئېمبارگوغا قارشى چىقىشىنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسىي مەنپەئەتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېيىلگەن، ئىران پەقەت سىياسىي جەھەتتىن ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادى مەنپەئەت جەھەتتىنمۇ خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر دۆلەت. ئېنېرگىيىگە ئەڭ كۆپ ئېھتىياجلىق بولغان خىتاي نېفىت ئېھتىياجىنىڭ يۈزدە 11% پىرسەنتىنى ئىران تەمىن ئەتمەكتە. خىتاينىڭ دۆلەتلىك نېفىت شېركىتىمۇ ئىراندىكى بەزى نېفىت ساھەلىرىنى قوللىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولدى. خىتاي شىركەتلىرى ئىراندا نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرى قۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ئىمتىيازىغا ئىگە بولدى. بۇ سەۋەبتىن ئىران، خىتاي ئۈچۈن ھەم ئىستىراتېگىيىلىك بىر ئېنېرگىيە مەنبەسى، ھەم مۇھىم بىر بازار. 2008 ‏- يىلىدىن باشلاپ 27 دۆلەت ئەزا بولغان ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىران بىلەن بولغان تىجارەت پۇلى 35 مىليارد دوللار، خىتاينىڭ يالغۇز ئىران بىلەن بولغان تىجارەت پۇلى 29 مىليارد دوللار. بۇ شارائىتلار ئاستىدا بېيجىڭنىڭ تېھرانغا قارشى ب د ت نىڭ ئىقتىسادى ئېمبارگۇلارغا ئىمزا قىلىشى قىيىندەك كۆرۈنمەكتە.

خىتاينىڭ ئېمبارگو سەۋەبىدىن دۈچ كېلىدىغان نېفىت ئېھتىياجىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان تەرىپىدىن تەمىن ئېتىلىدىغانلىقىغا ئالاقىدار، ئامېرىكىنىڭ تەكلىپى بولسا، پەقەت ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتاينى يېتەرلىك قانائەتلەندۈرەلمىدى.

تەيۋەنگە قورال سېتىش مەسىلىسى

ماقالىدە يەنە، ئامېرىكىنىڭ ئىران مەسىلىسىدە خىتاينى ماقۇل كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەيۋەن، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: ئامېرىكا ئىقتىسادى مەسىلىلەر ۋە ئىرانغا قارشى ئىقتىسادى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش مەسىلىلىرىدە خىتاينى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن سەزگۈر نۇقتىلارغا كۆز تىكىشنى ھېس قىلماقتا. بېيجىڭ، مۇستەقىل تەيۋەن بىلەن ئاپتونوم رايون سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئىنتايىن سەزگۈر تۇرماقتا ۋە بۇ مەسىلىلەرنىڭ خەلقئارا ساھەدە كۈنتەرتىپكە كېلىشىگە قاتتىق قارشى چىقماقتا. بېيجىڭ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىشىنى بىر ئۇرۇش چىقىشنىڭ سەۋەبى ھېسابلىماقتا ۋە تەيۋەن ھۆكۈمىتىگە، خوڭكوڭ ۋە ئاۋمىندا ئىجرا قىلىۋاتقان 'بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم' سىياسىتىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن بېسىم قىلماقتا. خىتاي تەيۋەننىڭ خۇسۇسەن سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتلەردە ئۈچىنچى دۆلەتلەر بىلەن كۈچلۈك مۇناسىۋەت ئورنىتىشلىرىغا قارشى چىقماقتا. بۇ نۇقتىدا ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ئالتە مىليارد تۆت يۈز مىليون دوللارلىق قورال سېتىش قارارى ئىقتىسادىي بىر قارار بولۇپلا قالماي، سىياسىي قارار دەپ ئالدىنقى قاتارغا چىقتى. بۇ شەكىلدە ۋاشىنگىتون بېيجىڭغا كۈچلۈك بىر سىگنال بەردى.

ئامېرىكا خىتايغا ئىككىنچى خىل سىگنالنى، رەئىس ئوبامانىڭ 2010 ‏- يىلى 2 ‏- ئاينىڭ 18 ‏- كۈنى تىبەتنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي لىدېرى بولغان دالاي لامانى قوبۇل قىلىش بىلەن كۆرسەتتى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرىكى رەئىسى بۇشتىن پەرقلىق ھالدا، ئوباما، دالاي لاما بىلەن پەقەت غەيرى رەسمىي شەكىلدە ئۇچراشتى ۋە ئاخباراتچىلارنىڭ بۇ ئۇچرىشىشنى سۈرەتكە ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى. ۋاشىنگتوننىڭ خىتايغا كۆرسەتكەن بۇ ئۇچۇرىغا خىتايمۇ ئۆلچەملىك بىر قارشىلىق كۆرسەتتى. خىتاي، ئوباما بىلەن دالاي لاما ئۇچرىشىشى سەۋەبىدىن ئامېرىكىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ، تەھدىت ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئۇسلۇب قوللانمىدى.

نەتىجىدە، ھازىرقى ئامېرىكا ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى تىلغا ئالغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى مەسىلىلەر ۋە ئىران ھەققىدە ئۆزىنىڭ پىكىرىگە يېقىنلاشتۇرۇشنى خالايدىغان خىتايغا قارشى سەزگۈر نۇقتىلىرى بولغان تەيۋەن ۋە تىبەت مەسىلىلىرى ئۈستىدىن سىگنال بەرگەنلىكى چۈشىنىشلىك. بۇنىڭغا قارشى بېيجىڭمۇ ۋاشىنگتوننىڭ بۇ سىگناللىرىغا ئۆزىنى تۇتۇۋالغان بىر شەكىلدە قارشىلىق كۆرسەتتى ۋە خىتاي مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئۆزىنىڭ پىكىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

ھازىرچە بۇ قارشىلىقلار ناھايىتى ئۆلچەملىك بىر شەكىلدە ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇ جەريان يا ئىككى دۆلەتنىڭ كېلىشىپ قېلىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، ياكى ئامېرىكا ۋە خىتاي ئۆز پىكىرلىرىدە چىڭ تۇرىدۇ ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۆرلەۋاتقان سۈركىلىش تېخىمۇ كۈچىيىپ كرىزىسقا ئايلىنىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت