بېشكەك تۈرمىسىگە سولانغان ئوبۇلقاسىم كېسەل سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلدى

0:00 / 0:00

قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدىكى تۈرمىسىگە سولانغان ئوبۇلقاسىم ھاجىم 7 - سېنتەبىر كۈنى راك كېسىلى سەۋەبىدىن قازا قىلغان. ئوبۇلقاسىم ھاجىم، ئاخىرقى نەپىسىگىچە ئۆزىنىڭ ناھەق تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئوبۇلقاسىم ھاجىم ھېچقانداق داۋالاشقا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن كېسەل ئەھۋالى ناھايىتى تېز تەرەققى قىلىپ، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، بېشكەكتە تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامدىن ئاڭلاڭ.