قۇربان تۇلۇم ئۆلۈۋىدى، سابىر تۇلۇم ئوتتۇرىغا چىقتى

بۈيۈك ئىرا تور بېتى 2008‏ - يىلى 6‏ - ئاينىڭ 14‏ - كۈنى 38 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى. لېنىن، ستالىن جۇڭگولۇققا قۇرۇپ بەرگەن بۇ پارتىيە - كوممۇنىستىك پارتىيە بۈگۈن ئالدامچىلىقنىڭ سىمۋولى، تارىخىي ئاچارچىلىقنىڭ سىمۋولى، تارىخىي ۋە رىئال قاتىللىقنىڭ سىمۋولى، پۇقرالارنى ستالىنچە باستۇرۇشنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالدى.
ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى
2008.06.24

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى، ماركىس تۈزۈپ بەرگەن كوممۇنىستلار خىتابنامىسىنىڭ روھىغا ماس كەلمەيدىغان بىر پارتىيە بولۇپ قالدى. جۇڭگونىڭ ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماسلاشتۇرۇپ بۇ پارتىيە ياكى پارتىيىنىڭ پروگراممىسىنى ئۆزگەرتمىدى ياكى نام شەرىپىنى ئۆزگەرتمىدى. بۇ پارتىيە خەلقچىللىقنى چۆرۈۋېتىپ، مىللەتچىلىك بىلەن پارتىيىۋىيلىكنى بىرلەشتۈرگەندە، 3‏ - ئايدا مۇستەملىكىلىرى ئۇيغۇرىستاندا ۋە تىبەتتە باستۇرۇشنى يولغا قويغاندىن كېيىن سېپى ئۆزىدىن مىللەتچى پارتىيە، مۇستەملىكىچى پارتىيە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويدى.

ئوتياق كەنتىگە دادۈيجاڭ بولۇشنى كۆڭلۈڭگە پۈككەنمۇ ؟

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى سوغاق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن، دۆلەتچىلىك بىلەن مىللەتچىلىكنى، دۆلەتچىلىك بىلەن دارۋىنىزمنى بىرلەشتۈرۈپ، مۇستەبىتىزملىق دۆلەت سىياسىتىنى ھەم تاشقى سىياسەتنىڭ، ھەم ئىچكى سىياسەتنىڭ ۋاستىسىغا ئايلاندۇردى. شۇنداق پەيتتە كوممۇنىستىك پارتىيىگە ھەمدەپنە بولۇشنى خالىمىغان ئويغانغان خىتاي پۇقرالىرى بۇ پارتىيىدىن چېكىنىشكە باشلىغاندا، كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ پاچىقىنى قۇچاقلاپ ۋاي ئانام پارتىيە، ۋاي دادام پارتىيە دەيدىغان، ئۇيغۇر تىللىق ئىككىنچى قۇربان تۇلۇم يەنى سابىر ئوتياق تۇلۇم مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا ئوتتۇرىغا چىقتى.

2008‏ - يىلى 6‏ - ئاينىڭ 13‏ - كۈنى" دىيارىم" تور بېتىگە كومپارتىيە دېگەن ئىسىم بىلەن بىللە چىققان ئىككىنچى قۇربان تۇلۇم يۈسۈپجان سابىر ئوتياق مۇنداق دېدى: "كوممۇنىستىك پارتىيە توغرا يولغا باشلايدۇ"، " تەرىپىڭنى ئالەمگە يەتكۈزۈمەن پارتىيەم"، " پارتىيە ئەل ئىشقىنى نىشان قىلىپ كۆزلەيدۇ." خوش، "بۇ پارتىيە تارىخى ۋە رىئال خوردارلىق بەشىرىسىنى پۈتۈن ئالەمگە يەتكۈزۈپ بولغان تۇرسا، سەن يەتكۈزمەكچى بولغان يەنە قانداق تەرىپى بار ئىدى بۇ پارتىيىنىڭ؟ ئاق بىلەن قارىنى ساپلايدىغان پارتىيەم"، دەيدۇ، قەلىب تاپشۇرغۇچى. كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئاق نېمە، قارا زادى نېمە؟ "پارىخورنى ۋاقتىدا باپلايدىغان پارتىيەم"، جۇڭگودا پارىخور كىم، يۈسۈپجان سابىر ئوتياق ئەپەندى؟ پارىخور، خىيانەتچى، كوممۇنىستىك پارتىيىمۇ ياكى باشقا بىرسىمۇ؟ پارىخورلۇق بىلەن خۇشامەتچىلىك بىر نەرسىنىڭ ئىككى تەرىپىدۇر. پارىخور ئەمەلدارلار تاماغا ئۆتكەندەك، خۇشامەتچىلەر پارا بېرىشكە باشلايدۇ. سىنىڭ پارتىيىگە ئەزا بولۇپ كىرىش خىيالىڭ غالجىرلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەندە، مەدھىيەۋازلىق بىلەن خۇشامەت قىلىپ،ئوتياق كەنتىگە دادۈيجاڭ بولۇشنى كۆڭلۈڭگە پۈككەنمۇ نېمە؟

خىتاي كۆچمەنلىرى بۇ كىشىنىڭ بىر قوساق قېرىندىشىمىدى

كوممۇنىستىك پارتىيە جۇڭگودا ئاخىرقى ئۆمرىنى ياشاۋاتقان پارتىيىدۇر. شۇڭا ئاخىرقى زوراۋانلىقىنى يولغا قويغان پارتىيە بولۇپ قالدى. مەسىلەن، نيۇيورك شەھىرىدە جاسۇسلىرى ئارقىلىق فالۇنگۇڭچىلارغا زوراۋانلىق ئىشلەتكەنلىكى دەلىللەنگەن پاكىت بولۇپ قالدى. كوممۇنىستىك پارتىيە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ جان تومۇرىنى مونوپول قىلىۋېلىپ، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئاقارغان سۆڭەكلىرىدىن جۇڭگودا ئۆتكۈنچى كاپىتالىزمنى بەرپا قىلىپ، بۇ پارتىيە ئۆزىنىڭ ئىچكى قىسمىدا دەللال بۇرژۇئازىيىنى تەربىيىلەۋاتقان پارتىيە بولۇپ قالدى.

20‏ - ئەسىرنىڭ 40‏ - يىللىرىدا خىتاينىڭ گومىنداڭ پارتىيىسى، جۇڭگودا دەللال بۇرژۇئازىيىنى تەربىيىلەپ چىقىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغاندا، دەللال بۇرژۇئازىيە چەتئەلگە بېقىنىپ قالغاندا، گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭمۇ، جاڭ ۋىيىيۇەنجاڭنىڭمۇ جۇڭگودا سۆزى ئۆتمەس بولۇپ قالغان ۋە ئاخىرى ئاغدۇرۇلغان ئىدى. يۈسۈپجان سابىر ئوتياق ئەپەندى، "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى"، كومپارتىيە توغرىسىدا يۈرىكىنى يېرىپ تۇرۇپ ئىنشا ۋە قوشاقلارنى يازغاندا " قېرىندىشىم" دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن. خىتاي كۆچمەنلىرى بۇ كىشىنىڭ بىر قوساق قېرىندىشىمىدى ياكى ئانا بىر، دادا باشقا ياكى دادا بىر، ئانا باشقا قېرىندىشىمىدى، بىلەلمەي قالدۇق! بۇ كىشىنىڭ دادىسى سابىراخۇنمىدى ياكى سا خېشاڭمىدى؟

بۇ كىشى ئۇيغۇر تىلىنى ھاقارەت قىلدى

ئەمدى بۈگۈن خىتاي كومپارتىيىسىنى مەدھىيىلىگەندە بۇ كىشى ئۇيغۇر تىلىنى ھاقارەت قىلدى. تۈرمىلەردە گۇناھسىز يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ، ئوپېراتىسيە قىلىنغان، ھاقارەتلەنگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ، قوش تىللىق مائارىپنىڭ مەجبۇرلىشىغا مەھكۇم بولۇپ گاچا بولۇپ قالغان ئۇيغۇر گۆدەكلەرنىڭ ئۇۋالىغا قارشى، يۈسۈپجان سابىر ئوتياق ئەپەندى " ئۆمۈر بۇيى پارتىيىنىڭ قوينىدا ياشىسام،" دېدى.

پارتىيە، بۇ ئابىستىراكىت ئىسىم كونكرېتلاشتۇرغاندا خۇ جىنتاۋ پارتىيە، ۋىن جياباۋ پارتىيە، ۋاڭ لېچۈەن پارتىيە بولىدۇ. ئوتياق ئەپەندى قايسى بىرىنىڭ قوينىدا يېتىشنى تاللاپ ئالغانلىقى توغرىسىدا ھازىرغىچە بىر نېمە دېمىدى، قارىغاندا بۇ تەرىپى مەخپىي بولسا كېرەك.



پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.