جېڭجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئىسيان كۆتۈرۈپ نامايىش قىلماقتا


2006.06.23

ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ، خىتايدىكى جېڭجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق شېندا ئىنستىتۇتىنىڭ 5000غا يېقىن ئوقۇغۇچىسى مەكتەپ پۈتتۈرۈش دىپلومى مەسىلىسى تۈپەيلىدىن مەكتەپ رەھبەرلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئىسيان كۆتۈرۈشكە باشلىغان. غەزەپلەنگەن ئوقۇغۇچىلار پەقەت مەكتەپ ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلغان شۇنداقلا تەرتىپ باشقۇرۇشقا كەلگەن ساقچىلار بىلەن قاتتىق توقۇنۇشقان.

خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنى يوشۇرۇشقا تىرىشماقتا

گەرچە ئىسيان كۆتۈرۈۋاتقان ئوقۇغۇچىلار خىتايدىكى مەتبۇئات ئورۇنلىرىغا تېلېفون قىلىپ ئۇلارنىڭ مەزكۇر مەكتەپكە كېلىپ زىيارەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن. ھەتتا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەكتەپ ئەتراپىدىكى ساقچى باشقارمىسىنىڭ ئادەملىرى ئىنتايىن قوپال ھالدا ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ھەمدە بېرىش زورۆرىيىتىنىڭمۇ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر مەكتەپ باشقارما ئىشخانىسىدىكى خادىملارمۇ "ئۇنداق ئىش يوق، بىز ھازىر ئوقۇغۇچىلاردىن ئىمتىھان ئېلىۋاتىمىز، ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان بېرىۋاتىدۇ" دەپ يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلىكنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان.

ۋەدىسىدە تۇرماسلىق ۋەقەگە سەۋەبچى بولغان

جېڭجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى خىتايدىكى داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا قاراشلىق شېندا ئىنستىتۇتى ئىككىنچى دەرىجىلىك ئىنستىتۇت بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. لېكىن مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىدا 'مەزكۇر ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ پۈتتۈرگەندە جېڭجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈردى دېگەن دىپلومغا ئېرىشىدۇ' دەپ كۆرسىتىلگەن. لېكىن مەزكۇر نىزامنامىسىغا قول قويغان مەكتەپ رەھبەرلىرى ئۆز ۋەدىسىدە تۇرماي، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ پۈتتۈرگەندە، ئۇلارغا 'جېڭجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈردى' دېگەن دىپلوم ئەمەس بەلكى ' ئىككىنچى دەرىجىلىك ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈردى ' دېگەن دىپلوم بېرىش قارارىنى چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتتىق نەپرىتىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇلار "مەكتەپ رەھبەرلىرى 3 يىلدىن بۇيان بىزنى ئالداپ، ئەخمەق قىلىپ كەلدى " دەپ نامايىش قىلىشقا باشلىغان.

گەرچە خىتايدىكى مەتبۇئات ئورۇنلىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىن -كۈنگە كۈچىيىۋاتقان نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى بېيجىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇلار مەزكۇر مەكتەپكە ئادەم ئەۋەتىپ، ئەھۋال ئىگىلىمەكچى بولغان. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نەچچە يۈزلىگەن ساقچى مەكتەپ ئەتراپىنى قورشىۋېلىپ دەرس تاشلاپ نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى قاتتىق نازارەت قىلغان ۋە چارە كۆرۈشكە تەييار بولغان.

ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ زىيارەت قىلىشى رەت قىلىنغان

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر مەكتەپتىكى بىر ئوقۇغۇچى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى باشلانغان نامايىشنىڭ تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقىرىنىڭ مەزكۇر مەكتەپ مۇدىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى بىر مۇدىر تەيىنلىگەنلىكىنى، لېكىن دىپلوم توغرۇلۇق تېخىچە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمەيۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ئوقۇغۇچى بۇ قېتىمقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ رەھبەرلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ھەرقانداق ئۇچۇرنىڭ قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ھەتتا زىيارەت قىلماقچى بولۇپ كەلگەن شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ مەكتەپ تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقىنى ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ھەقتە ئۆز ئالدىغا پىكىر بايان قىلىشىغىمۇ قەتئىي يول قويۇلمايۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى:

"زىيارەت قىلساق دەپ كەلگەنلەر بار، لېكىن مەكتەپ ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشىگە رۇخسەت قىلمىدى. ھەتتا رەسىمگە تارتىشقىمۇ يول قويمىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ زىيارەت قىلىمىز دەپ كەلگەن ئىدى. لېكىن مەكتەپ ئۇلارنىڭ زىيارەت قىلىشىنى رەت قىلدى. مەكتەپنىڭ تور بېتىدىكى مۇنازىرە مەيدانىدا بايان قىلىنغان پىكىرلەرمۇ ئۇ ياقتىن چىقسا بۇ ياقتىن ئېلىپ تاشلىنىۋاتىدۇ ".

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، مەزكۇر ئىنستىتۇتتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى دېھقان بالىلىرى بولۇپ، ئۇلار جېنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دىپلومىغا ئېرىشىش ئۈچۈن يىلىغا 10 مىڭ يۈئەندىن ئوقۇش پۇلى تاپشۇرۇپ كەلگەن. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.