خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا ۋەزىيەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرمەكتە


2006.09.22

يېقىندىن بۇيان يەنى خىتاينىڭ ئۆكتەبىر بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا ۋەزىيەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرمەكتە. مەسىلەن، ياقا يۇرتلاردىن كەلگەنلەرنى باشقۇرۇش ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، ئۇلارنى ئۆز يۇرتىغا قوغلاشقا باشلىغان بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، بېيجىڭغا كېلىپ ئەرز سۇنغۇچىلارنىڭ كۈنى تېخىمۇ تەس بولۇپ، چارشەنبە كۈنىنىڭ ئۆزىدىلا 300 گە يېقىن ئادەم ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاينىڭ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىن بېيجىڭغا داۋاغا كەلگەن بىر پۇقرا باشقىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكتىن، 8 نەپەر دەۋاگەر بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ نامايىش قىلغان، لېكىن ئۇلار ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن.

نۇقتىلىق جايلاردا ساقچىلار كۆپ

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىلقى 1 ‏- ئۆكتەبىر كۈنىنىڭ يېتىپ كېلىشى ئالدىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ شەھىرىگە بولغان كونتروللۇقى ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا تېخىمۇ بەك كۈچەيگەن. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بېيجىڭلىق نى يۈلەن خانىم مۇنداق دېدى:

"بۇ يەردە ئۆكتەبىر ئۆتكەندىن كېيىنلا پارتىيە ۋەكىللەر يىغىنى ئېچىلىدۇ. شۇڭا ھازىر بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تۈزۈمى ناھايىتى چىڭىيىپ كەتتى؟ ۋەزىيەت ئىنتايىن جىددىي. قەدەمدە بىر دېگىدەك ساقچى يولۇقۇپلا تۇرىدۇ. بولۇپمۇ ۋاڭ فۇجىن، جۇڭنەنخەي ۋە تيەنئەنمىن قاتارلىق جايلاردا، ساقچىلار تېخىمۇ كۆپ، چۈنكى ساقچىلارنىڭ نەزىرىدە، بۇ جايلار نۇقتىلىق قوغداش ئورۇنلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ".

ياقا يۇرتلۇقلار 1 – ئۆكتەبىردىن بۇرۇن يۇرتىغا قايتىشى كېرەك

بېيجىڭدا نەشر قىلىنىدىغان "يېڭى بېيجىڭ گېزىتى" قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا بېرىلگەن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1 ‏- ئۆكتەبىر كۈنىنىڭ بىخەتەر ئۆتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ تازىلاش ھەرىكىتىنى باشلىغان. ئۇلار ياققا يۇرتتىن كەلگەنلەر ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، "بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق كىنىشكىسى" يوقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز يۇرتىغا قايتۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېلان قىلغان.

رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لېنىيىسىگە كېلىۋاتقان تېلېفونلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىن بېيجىڭغا بارغان ساياھەتچىلەر ئاپتونوم رايونىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش بېجىرىش مېھمانخانىسىدىن باشقا جايدا يېتىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن ھەمدە ھەر يىلى ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار، مەيلى ئۇلار سودىگەرلەر بولسۇن ياكى ساياھەت قىلغۇچىلار بولسۇن ھەممىسى دېگىدەك مەجبۇرىي ئۇيغۇر ئېلىگە قايتۇرىۋېتىلىدىكەن. لېكىن بۇ يىلقى ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ يېتىپ كېلىشى ئالدىدا، بىز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق بۇ ئىش بېجىرىش مېھمانخانىسىغا تېلېفون قىلىپ ھازىرقى ۋەزىيەت ھەققىدە توختىلىپ "بېيجىڭدا ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى يوق ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز يۇرتىغا قايتۇرىۋاتامدۇ ؟" دەپ سورىغىنىمىزدا، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر مېھمانخانىدا ئىشلەيدىغان بىر خىتاي خىزمەتچى "بىز بۇ ھەقتە تېخى ھېچقانداق ئۇقتۇرۇش تاپشۇرىۋالمىدۇق. شۇڭا ھازىر ئۇنداق قايتۇرۇۋېتىش ئەھۋالى يوق. ھەممە ئىش نورمال، ناھايىتى نورمال" دەپ جاۋاب بەردى.

ئەرزدارلارمۇ قايتۇرۇلماقتا

لېكىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بېيجىڭلىق نى يۈلەن خانىمنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ھازىر بېيجىڭدا، ھەرقانداق يەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر چوقۇم ئۆكتەبىرنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن بۇرۇن ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولماقتا. بولۇپمۇ ياققا يۇرتلاردىن ناھەقچىلىق ھەققىدە مەركىزى ھۆكۈمەتكە ئەرز سۇنغىلى كەلگەنلەر تېخىمۇ بىچارە ھالەتتە بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ھەتتا قاماپ قويۇلغان.

رويتېس ئاگېنتلىقىنىڭ بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خېيلۇڭجياڭدىن بېيجىڭغا كېلىپ يۇقىرىلاپ ئەرز سۇنماقچى بولغان بىر بوۋاي داۋا قىلىپ يۈرگەن جەريانىدا، باشقىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن. مەزكۇر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىگە چىداپ تۇرالمىغان 8 نەپەر دەۋاگەر بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، "بىز ئىنسان ھوقۇقىغا موھتاج، ياشاش ھوقۇقىغا موھتاج!" دەپ نامايىش ئۆتكۈزگەن. لېكىن جامائەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىدىن مەخسۇس ئادەم كېلىپ، نەق مەيداندىكى پۈتۈن جەرياننى سىنئالغۇغا ئېلىۋالغان، نامايىش قىلغۇچىلار بولسا ساقچى ماشىنىسىدا ئېلىپ كېتىلگەن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى مەزكۇر شەھەردىكى ياققا يۇرتتىن كەلگەن مۇساپىرلارنى ئۆز يېرىگە قوغلاپ، بېيجىڭنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۇرىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.