
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلار يېقىندا بېيجىڭغا كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا كۆرىۋاتقان تەييارلىقلىرىنى كۆزدىن كۆچۈرگەن ھەمدە تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسەن بىر پارچە دوكلات يېزىپ چىققان.
دوكلاتتا، گەرچە بېيجىڭدىكى ئولىمپىك مەيدانلىرىنىڭ ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ياخشى كېتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىتاينىڭ مەتبۇئاتقا قاراتقان كونتروللۇقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا 2008 -يىلىدىكى ئولىمپىك يىغىنىغا كېلىشكە ئىلتىماس قىلغان چەتئەل مۇخبىرلىرىدىن جەدۋەل تولدۇرغاندا ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى يېزىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما خىتاينىڭ بۇ تەلىپى خەلقئارا بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولغاچقا، بۇ تەلەپ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.
خىتاينىڭ ۋەدىسى
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جياڭ شياۋيۈ ئۆتكەن جۈمە كۈنى، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ 2008 -يىللىق ئولىمپىك يىغىنى مەزگىلىدىكى مەتبۇئات تۈزۈمىدىن ئەندىشە قىلماسلىقىنى، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە بويسۇنىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئولىمپىك باشلىنىشتىن 1 ئاي بۇرۇن ۋە يىغىن ئاخىرلىشىپ 1 ئاي مەزگىلگىچە، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ بېيجىڭدا خەۋەر بېرىشى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، ئەگەر خىتاينىڭ ھازىرقى بەلگىلىمىلىرى، خەلقئارا بەلگىلىمىلەر بىلەن توقۇنۇشۇپ قالسا، ئۇ ھالدا خىتاينىڭ ئۆز بەلگىلىمىلىرىگە مۇۋاپىق ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەدە قىلغانلىرىغا رىئايە قىلالامدۇ؟
2008 - يىلدىكى ئولىمپىك يىغىنى مەزگىلىدىكى خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغان نيۇ-يوركتىكى "مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى" نىڭ ئاسىيا پروگراممىسىنىڭ مەسئۇلى ئابى رايت خانىم مۇنداق دەيدۇ:
"2008 -يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى مەزگىلىدە، خەلقئارا مەتبۇئاتلار ئاساسلىقى خىتاينىڭ ۋەزىيىتىنى ئاساس قىلىپ دوكلات بېرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا مەتبۇئاتنىڭ يېقىندىن كۆزىتىشىگە ئۇچرايدۇ ھەمدە خەلقئارا مەتبۇئات ئەركىنلىك ئۆلچىمىگە بويسۇنۇش توغرىسىدا كۈچلۈك بېسىمغا دۇچ كېلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى ۋەدە قىلغاندەك خەلقئارا ئۆلچەملەرگە رىئايە قىلالامدۇ-يوق؟ بۇنى ۋاقتى كەلگەندە بىلگىلى بولىدۇ. ئولىمپىك يىغىنى خىتايغا ئۆزلىرىنى دۇنياغا تونىتىدىغان بىر ياخشى پۇرسەتنى يارىتىپ بەردى. ئەگەر خىتاي دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىنى ئەركىن دوكلات بېرىشكە يول قويسا، ئۇ چاغدا خىتاي ئۆزىنىڭ زامانىۋىيلاشقانلىقىنى نامايەن قىلالايدۇ".
خىتاي ھەرگىزمۇ مەتبۇئاتنى ئەركىن قويىۋەتمەيدۇ
2008 -يىلىدىكى ئولىمپىك يىغىنى مەزگىلىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەتبۇئاتنى ئەركىن قويىۋېتەمدۇ ياكى ئۇنىڭغا قاراتقان كونتروللۇقنى كۈچەيتەمدۇ؟ بۇ ھەقتە توختالغان ئامېرىكىدىكى ئىنتېرنېت ژورنىلى بولغان " خەۋەرلەر مەجمۇئەسى" نىڭ باش مۇھەررىرى لى خوڭكۇئەن مۇنداق ئانالىز يۈرگۈزدى:
"2008 -يىلىدىكى ئولىمپىك يىغىنى مەزگىلىدە مەتبۇئات ئەركىن قويىۋېتىلەمدۇ دېگەن مەسىلىدە توختالغىنىمىزدا، بىز خىتايلىق بولۇش سالاھىتىمىز بىلەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئىش بېجىرىش ئۇسۇلىنى ئوبدان بىلىمىزكى، خىتاي ھەرگىزمۇ مەتبۇئاتنى ئەركىن قويىۋەتمەيدۇ. ئەركىن قويىۋېتىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا تېخىمۇ كۆپ ئادەم ۋە ماددىي كۈچىنى چىقىرىپ، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ پايلاپ ماڭىدۇ ھەتتا ئۇلارنىڭ خەۋەر بېرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. مەسىلەن، مۇخبىرلارنىڭ بەزى رەسىملەرنى تارقىتىشىنى توساشقا ئوخشاش. چۈنكى سىز ئۇ يەردە پەقەت خىتاينىڭلا ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىسىز. مۇشۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بولۇپمۇ خۇ جىنتاۋ تەختكە چىققاندىن بۇيان، خىتايدا مەتبۇئات ۋە ئىنتېرنېتلەرگە بولغان كونتروللۇق تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى. بۇ ئەھۋال ھازىر ھەتتا جياڭ زېمىن دەۋرىدىكىدىنمۇ ۋەھشى بولىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى چوڭ سۆزلەپ ھەر خىل ۋەدىلىرىنى تەشۋىق قىلىشى مۇمكىن. لېكىن خىتاي ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ قارشىسىنى قىلىپ كەلگەن بىر دۆلەت. شۇڭا مېنىڭچە، خىتاي مەتبۇئاتنى ئەركىن تۇتىمىز دەپ ۋەدىنى قانچە چوڭ بەرگەنسېرى، مەتبۇئات چوقۇم تېخىمۇ چىڭ تۇتىلىدۇ".
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باش شىتابى فرانسىيىدىكى "چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى" چىقارغان دوكلاتقا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر 100 دىن ئوشۇق مۇخبىر ۋە ئىنتېرنېت يازغۇچىلىرىنى تۈرمىدە تۇتماقتا ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن خىتاي، دۇنيا بويىچە مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ تۈرمىگە سولايدىغان دۆلەتكە ئايلانغان. نۆۋەتتە ھەر قايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەر قايسى دۆلەت، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە خەلقئارا جامائىتىنىڭ ئولىمپىك يىغىنىدىن پايدىلىنىپ، خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلماقتا. (پەرىدە)