بۇ قېتىم بېيجىڭدا ئېچىلغان 2008 - يىللىق ئولىمپىك يىغىنى ھەققىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان مۇخبىرلار خىتايدىكى مەتبۇئات مەسىلىسى ھەققىدە، كۆپلىگەن سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەسىلەن "ئولىمپىك يىغىنى ئېچىلىش جەريانىدا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن نۇرغۇنلىغان مۇخبىرلار كېلىشى مۇمكىن، بۇ مۇخبىرلار پەقەت ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھەققىدىلا ئەمەس، بەلكى شۇ جەرياندا خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ مەلۇماتلار بېرىشى مۇمكىن. لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلارغا بولغان پوزىتسىيىسى قانداق بولىدۇ ؟ مۇخبىرلار ئەركىن ھالدا ئاخبارات ئېلان قىلىش ھوقوقىغا ئىگە بولالامدۇ ؟ " دېگەندەك مەسىلىلەر ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جياڭ شياۋيۈ مۇخبىرلار تەرىپىدىن قويۇلغان بۇ سۇئاللارغا بۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:
"بىز ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا، ئالدى بىلەن ئەڭ مۇھىمى مەتبۇئات خىزمىتىنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ھۆكۈمەت ۋە ئولىمپىك كومىتېتى مەتبۇئات خىزمىتىگە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ جەرياندا بىزنىڭ بەلگىلىلىرىمىز ئولىمپىك تۈزۈملىرىگە ماس كەلمەي قالسا، بىز ئىلاجى بار ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە بويسۇنۇپ، مەتبۇئات ئېھتىياجىنى قاندۇرىمىز . لېكىن ھەر قايسى مەتبۇئاتلارنىڭ ئۆز ئالدىغا بولغان ھوقۇقى پەرقلىق بولىدۇ. بىز ھەرقايسى مەتبۇئاتلارنىڭ بىز دۆلەت ئەھۋالى كۆزدە تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز."
كانادادا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى گۈزەل خانىم خىتايدا ئېچىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنى ۋە بۇ مەزكۇر يىغىن جەريانىدىكى مەتبۇئات مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز مېھرىباندىن ئاڭلاڭ.