تەرەپلەر بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئەركىن زىيارەت قىلىشى ھەققىدىكى ۋەدىسىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا


2006.09.29
olimpik-beyjing-150.jpg
بېيجىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋە بېيجىڭ 2008 ئولىمپىك يىغىنى كومىتېتىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چىسەن 2004 – يىلى 29 – ئاۋغۇست كۈنى گرېتسىيىنىڭ پايتەختى ئافېنادا ئولىمپىك بايرىقىنى لەپىلدەتمەكتە. AFP

يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلغان بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك دۇنيا مەتبۇئات يىغىنىدا، بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ليۇ چى 2008 ‏- يىلى ئېچىلىدىغان ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى جەريانىدا، چەتئەل مۇخبىرلىرى ئەركىن ساياھەت قىلىش ۋە ئەركىن زىيارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ، بىز ھەرقايسى مەتبۇئات ئورۇنلىرىدىن بېيجىڭغا كەلگەن دوستلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈللۈك، زىيارىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز" دەپ بىلدۈردى. ئۇ يەنە "چەتەل مۇخبىرلىرى قولىغا ۋىزا ئالغان زامان قانداق يەرگە بېرىپ ساياھەت ياكى زىيارەت قىلىمەن دېسە، ئۆز ئىختىيارى" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ژورنالىست: خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەدىسىدە تۇرسا ياخشى بولاتتى

ئامېرىكىدا خىتاي تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان "دۇنيا گېزىتى "نىڭ تەنتەربىيە بېتىگە مەسئۇل مۇخبىر باۋ يۇڭ مەتبۇئات ساھەسىنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىن يەنىلا ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، "ئەگەر بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەن گېپىدە تۇرۇپ، قىلغان ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولسا بەكمۇ ياخشى بولاتتى، بىز مۇخبىرلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيىمىزمۇ دەل مۇشۇ " دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى بۇندىن 10 كۈن ئىلگىرى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خىتايدا ئاخبارات ئېلان قىلىشتا، چوقۇم شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، نۇرغۇن چەكلىمىلەرنى بېكىتكەن ئىدى. بۇ قېتىم بېيجىڭدا ئېچىلغان دۇنيا مەتبۇئات يىغىنىدا، بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ليۇ چىنىڭ دېگەن سۆزى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنى چەكلەش ھەققىدىكى بەلگىلىمىدە كۆرسىتىلگەن مەزمۇن بىلەن قارىمۇ -قارشى بولۇپ، ئانالىزچىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغىماقتا. "دۇنيا گېزىتى" نىڭ مۇخبىرى باۋ يۇڭمۇ "بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بەلكىم ئولىمپىك يىغىنىنى ساق -سالامەت ئۆتكۈزىۋېلىش ئۈچۈنلا ۋاقىتلىق ئايرىم ۋەدە بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن" دەپ بىلدۈردى.

د ئۇ ق: خىتاي دائىرىلىرى ۋەدىسىدە تۇرۇشى ناتايىن

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك دۇنيا مەتبۇئات يىغىنىدا قىلغان بۇ قېتىمقى ۋەدىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن ھېچقانداق ۋەدىلەرگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە ئوخشاش كۆز قاراشتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە، "بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ليۇ چىنىڭ 2008 ‏- يىلى ئېچىلىدىغان ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى جەريانىدا، چەتئەل مۇخبىرلىرى ئەركىن ساياھەت قىلىش ۋە ئەركىن زىيارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ" دېگىنى پۈتۈنلەي يالغان. بەلكىم ئۇلار پەقەت تەنتەربىيەگە ئائىت خەۋەرلەرنى بېرىشقىلا رۇخسەت قىلىشى مۇمكىن، سىياسەتكە تاقىشىدىغان ھەر قانداق خەۋەرنىڭ بېرىلىشى ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس" دەپ بىلدۈردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن نۇرغۇن يالغان ۋەدىلەرنى قىلغانلىقىنى ۋە ھېچقاچان ئۆز ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ‏، ئولىمپىك يىغىنىنىڭ بۇ نۆۋەت بېيجىڭدا ئېچىلىشىغا قەتئىي قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.