خىتاي، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ 2008 ‏- يىلى ئۆتكۈزىدىغان ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىش مەسىلىسىدە ئىنكاس قايتۇردى


2006.12.19

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، يەنە ئىككى ھەپتىدىن كېيىن يەنى 2007 ‏- يىلىدىن باشلاپ، خىتايدىكى چەتئەل مۇخبىرلىرى ئارتۇقچە مۇرەككەپ ئىلتىماس قىلىش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتىمەيلا ، ھەرقانداق جايغا بېرىپ زىيارەت قىلالايدىكەن. خىتايدا تۇرۇشلۇق چەتئەل مەتبۇئات ئورۇنلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇخبىرلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشتە، ھەقىقەتەن ئۆز ۋەدىسىدە تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، 2007 - يىلى 1 ‏- يانۋاردىن باشلاپ، 2008 ‏- يىلى 17 ‏- ئۆكتەبىرگە قەدەر، خىتايدىكى چەتئەل مۇخبىرلىرى ھەرقانداق بىر جاينى زىيارەت قىلىشتا، پەقەت زىيارەت قىلماقچى بولغان ئورۇن ياكى شەخسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالسىلا بولىدىكەن، ئىلگىرىكىدەك يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش ياكى زىيارەت قىلماقچى بولغان ئورۇندىن مەخسۇس ئادەم چىقىپ كۈتىۋېلىش دېگەندەك مۇرەككەپ رەسمىيەتلەر كېرەكسىز ئىكەن.

يېڭى بەلگىلىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى يەنىلا يېقىندىن كۆزىتىش كېرەك

بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق چەتئەل مۇخبىرلىرى كۇلۇبى مەسئۇلى لۇميەن ئەپەندى " خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى ۋاقىتتا 2008 ‏- يىلىدىكى خەلقئارا ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى ئىلتىماس قىلىشتىلا ، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ھەققىدە نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەرگەن ئىدى. لېكىن ئۆتكەن ئىككى يىلدىن بۇيان چەتئەل مۇخبىرلىرى خىتايدا زىيارەت قىلىش جەريانىدا، يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن نۇرغۇن كاشىلىلارغا ئۇچراپ، قاماپ قويۇشقا ئوخشاش دېلولار ئاز دېگەندە 80 قېتىمدىن ئاشتى" دەپ كۆرسەتتى.

لۇميەن ئەپەندى سۆزىدە يەنە "خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ قېتىمقى يېڭى بەلگىلىمىگە يەنىلا گۇمان بىلەن قاراش كېرەك. چۈنكى ئۇلار بۇنداق بەلگىلىمىلەرنى ھەرخىل ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن چۈشەندۈرەلەيدۇ. ئۇلار چۈشەندۈرۈشكە كەلگەندە بەكمۇ ماھىر. شۇڭا بىز 1 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغان بۇ بەلگىلىمىنىڭ زادى قانداق بولۇشىنى يېقىندىن كۆزىتىشىمىز كېرەك" دەپ بىلدۈردى.

جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى فالۇنگۇڭچىلارنى زىيارەت قىلىشقا يول قويمايدۇ

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بىلەن خىتاي خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىشىپ نەشر قىلغان ئىنگىلىزچە "ئولىمپىك ئامانلىقىنى قوغداش ھەققىدە ئىنگىلىز تىل مۇلازىمەت دەرسلىكى" ناملىق كىتابتا، قانداق قىلغاندا ئىنگىلىز تىلىدا چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ فالۇنگۇڭچىلارنى زىيارەت قىلىشىنى توسقىلى بولىدىغانلىقى ئېنىق يېزىلغان. مەسىلەن، تەنتەربىيە مۇخبىرلىرىنىڭ فالۇنگۇڭ ئىشلىرى ھەققىدە زىيارەت قىلىشىنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق دەپ، ئۇلارنى مۇناسىۋەتلىك جامائەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئورۇنلىرىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارغا چۈشەنچە بېرىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چەتئەل مۇخبىرلىرىغا يول ئېچىپ بېرىش ھەققىدە ۋەدە قىلدى

كىشىلەر ھازىر 2008 ‏- يىلى ئېچىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنى جەريانىدا، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ يەنىلا جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تۈرلۈك كاشىلا ۋە چەكلىمىلەرگە ئۇچراپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى ليۇ جيەنچاۋ ئۆتكەن ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بۇ قېتىم تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ بەلگىلىمىنىڭ چوقۇم تولۇق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىپ، "چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئولىمپىك ھەققىدە بېرىدىغان مەلۇماتلىرى پەقەت مەزكۇر يىغىن بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، ئۇلار مەزكۇر دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ، مەدەنىيەت ، پەن -تېخنىكا ۋە مائارىپ ساھەسىدىمۇ زىيارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە" دەپ بىلدۈردى.

لېكىن ئۇنىڭ تيەنئەنمىن مەيدانىنى زىيارەت قىلىش مەسىلىسىگە كەلگەندە، "ئەگەر زىيارەت قىلىش جەرياندا، تۇيۇقسىز ۋەقەلەر يۈز بېرىدىكەن، ئۇنداقتا، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار چوقۇم نەق مەيدانغا كېلىپ، جىددىي چارە -تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك. بۇ بىزنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىغا قارىتا قوللانغان تەدبىرىمىز ئەمەس، بەلكى نەق مەيدان ئامانلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن قوللانمىساق بولمايدىغان چارىلەردۇر" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە "تيەنئەنمىن مەيدانىنى باشقۇرۇشتا ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇشلار بار. بىز بۇ ھەقتە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىمكانىيەت بار چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىمىز" دەپ بىلدۈردى.

تيەنئەنمىن مەيدانى بېيجىڭنىڭ مەركىزى ئورنىغا جايلاشقان بولغاچقا ئەزەلدىن ناھايىتى سەزگۈر سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە . بولۇپمۇ 1989 ‏- يىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر مەيداننىڭ ئامانلىقىنى قوغداش ھەققىدە تۈرلۈك سىياسەتلەرنى بېكىتىپ، بولۇپمۇ چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ مەزكۇر جاي ئەتراپىدا زىيارەت قىلىشىنى قەتئىي چەكلەپ كەلگەن.

خىتايدا تۇرۇشلۇق بىر سىنگاپورلۇق مۇخبىر "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم چەتئەل مۇخبىرلىرىنى ئولىمپىك جەريانىدا ئەركىن قويۇپ بېرىش ھەققىدە چىقارغان بۇ بەلگىلىمىسىگە گۇمان بىلەن قاراش كېرەك. بەلكىم ئۇلار چەتئەل مۇخبىرلىرىنى ئەركىن قويۇپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ زادى قانداق جايلارغا بېرىپ قانداق كىشىلەرنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق ئىگىلىمەكچى بولۇشى مۇمكىن" دەپ بىلدۈردى.(مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.