خىتاي ئولىمپىك تاۋارلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان كارخانىلاردا ئەمگەك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى


2007.06.11

خەلقئارا ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلەشمىسى ئالدىنقى كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، 2008 - يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۈچۈن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش رۇخسەتنامىسى بېرىلگەن خىتاي كارخانىلىرىنى، ئۆسمۈرلەرنى ئەمگەككە سېلىش ۋە ئەمگەكچىلەر ھوقۇقىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تەشكىللىگۈچى ئورگان، ئىشچىلار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئۆسمۈرلەرنى ئىشلەتكەن ياكى ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلغۇچى كارخانىلار بايقالسا، مەھسۇلات زاكاز قىلىش توختامنامىسى بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئولىمپىك مەھسۇلاتلىرى بالا ئىشچىلار تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلماقتا

خەلقئارا ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ 10 - ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتىدا، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا سېتىلىدىغان تاۋارلار زاكاز قىلىنغان بەزى خىتاي كارخانىلىرىدا بالا ئىشچىلارنى ئىشلىتىش، ئىشچىلارغا ئىنتايىن تۆۋەن سەۋىيىدە مائاش بېرىش قاتارلىق ئىشچىلار ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىدىغان ئولىمپىك روھىغا خىلاپ ئەھۋاللارنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ ئەھۋاللار ئولىمپىك روھىغا قىلىنغان ھاقارەت، دەپ كۆرسەتتى.

دوكلاتتا، ئولىمپىك تاۋارلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش رۇخسەتنامىسىغا ئېرىشكەن خىتاي كارخانىلىرىدا 12 - 13 ياشلاردىكى بالا ئىشچىلارنى ئىشلىتىش ئەھۋالى مەۋجۇت بولۇپلا قالماي، ئىشچىلارنىڭ مائاشى پەۋقۇلاددە تۆۋەنلىكى، ئەمگەك ۋاقتى ئۇزۇن، ئىشچىلارنىڭ كۈنىگە 12 ۋە 13 سائەت، ھەپتىدە 7 كۈن ئىشلەشكە مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى، ئىشچىلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكى نەزەردە تۇتۇلمايدىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خەلقئارا ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلەشمىسى 2006 - يىلدىن باشلاپ بېيجىڭ ئولىمپىك تاۋارلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى خىتاي كارخانىلىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان بولۇپ، گۇئاڭدوڭدىكى 4 شىركەتنى يەنى فېيدا شىركىتى، فېيدا باش كىيىم شىركىتى، يىڭگې ۋە سۇجېڭچاڭ شىركەتلىرىنى تەكشۈرگەن. جۇڭگو ئەمگەك ئۇچۇرلىرى مەجمۇئەسىنىڭ فرانسىيىدىكى ۋەكىلى سەي زوڭگونىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتايدا بالا ئىشچىلارنى ئىشلىتىش ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپلا قالماي، بەلكى يېقىنقى 2 يىلدىن بېرى تېخىمۇ ئېغىرلاشماقتا

ئۇ، "ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا بالا ئىشچىلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىش ئولىمپىك روھىغا توغرا كەلمەيدۇ. جۇڭگو ئەمگەك ئۇچۇرلىرى يېقىندا يوللىغان بىر دوكلاتىدا بۇ ئەھۋالنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگودا بالا ئىشچىلارنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقىنى، بولۇپمۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى تېخىمۇ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ ئەھۋالنىڭ جۇڭگودىكى مەكتەپتىن قېلىش خاھىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىدىن ئەنسىرىمەكتە،" دەيدۇ.

خەلقئارا ۋە ھەر قايسى دۆلەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ خىتايدىكى ئەمگەك ھوقۇقى مەسىلىسىنى مۇشۇ مەزگىلدە تەنقىد قىلغانلىقى كىشىلەرنى ئەجەپلەندۈرمەسلىكى كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن سەي زوڭگو، بۇ تەشكىلاتلار 2008 - يىلدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى ئىشچىلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە، ب د ت نىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى ھەققىدىكى ئەھدىنامىسىنى ھەقىقى تۈردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ۋە خەلقئارا ئەمگەك ھوقۇقى ئۆلچەملىرىگە رىئايە قىلىشقا مەجبۇرلىماقچى، دەپ كۆرسەتتى.

"ئۇيغۇر قىزلىرىمۇ پەۋقۇلاددە تۆۋەن مائاش ۋە ناچار شارائىتتا ئىشلەشكە مەجبۇرلانماقتا"

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرىدىكى زاۋۇت -كارخانىلاردا مەجبۇرى ئىشلىتىشكە قارشى خەلقئارا ھەرىكەت قوزغىماقچى بولىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرىدۇر. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيتوف، "ئۇيغۇر قىزلىرىنى پەۋقۇلاددە تۆۋەن مائاش ۋە ناچار شارائىتتا ئىشلەشكە مەجبۇرلاش مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا ئەھدىنامىلار ۋە ئولىمپىك روھىغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ بىرى،" دەپ كۆرسەتتى.

مەركىزى بىلگىيىنىڭ بريۇسسېل شەھىرىدىكى خەلقئارا ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلەشمىسى 2006 - يىلى خەلقئارا ئەركىن ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئىتتىپاقى بىلەن خەلقئارا خرىستىيان ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئىتتىپاقى، دەيدىغان ئىككى تەشكىلاتنىڭ بىرلىشىشىدىن قۇرۇلغان خەلقئارالىق ئورگان بولۇپ، مەزكۇر ئورگانغا ئەزا 150 نەچچە دۆلەتتىكى 300 دىن ئارتۇق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بار.

خەلقئارا ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ "ئىشچىلار ھوقۇقى مېدالى بولمىغان ئولىمپىك،" دېگەن ماۋزۇدىكى مەزكۇر دوكلاتى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 2012 - يىلدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە ئىلتىماس قىلغان نامزات شەھەرلەرنىڭ بىرى لوندوندا يىغىن ئاچماقچى بولىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى 1936 - يىلى ناتسېستلار گېرمانىيىدە ئۆتكۈزگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن كېيىن، دۇنيادا ئەڭ كۆپ تالاش - تارتىش قوزغىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسى

خەلقئارا ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تەشكىللىگۈچى ئورگان دۈشەنبە كۈنى بۇنىڭغا تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، بالا ئىشچىلارنى ئىشلەتكەن ياكى ئەڭ تۆۋەن مائاش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان شىركەتلەر بايقالسا، ئۇلار بىلەن تۈزگەن توختامنامە بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تەشكىللەش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ شاۋيۈي، دۈشەنبە كۈنى خوڭكوڭدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبىدا بەرگەن باياناتىدا "ئەگەر بۇ كارخانىلار بىزنىڭ بەلگىلىمىمىزگە خىلاپلىق قىلسا، بىز بۇنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىمىز. ئەگەر بەلگىلىمىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلار بايقالسا، ئۇلار بىلەن تۈزگەن توختاملىرىمىزنى بىكار قىلىشىمىز مۈمكىن،" دەيدۇ.

مەركىزى شۋېتسارىيىدىكى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئولىمپىك مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاستە كونترول قىلىش ھوقۇقى يوقلىقىنى، لېكىن مەزكۇر ئورگاننىڭ ئەمگەك ھوقۇقى ئۆلچىمىگە رىئايە قىلىش ھەققىدىكى سىياسىتى بارلىقىنى شۇنداقلا ساھىبخان دۆلەتلەر ۋە ئولىمپىك تاۋارلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلار بۇ بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى 1936 - يىلى ناتسېستلار گېرمانىيىدە ئۆتكۈزگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن كېيىن، دۇنيادا ئەڭ كۆپ تالاش - تارتىش قوزغىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسى بولۇپ قالدى. بەزى تەشكىلاتلار بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ناتسېستلار گېرمانىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا ئوخشاتماقتا. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.