ئافېنادا " كىشىلىك ھوقۇق مەشئىلىنى يەتكۈزۈش" نامايىشى باشلاندى


2007.08.10
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

Afina-Qarshi-200.jpg
ئافىنادا، كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى 9 - ئاۋغۇست كۈنى، كەڭ كۆلەملىك خىتاي 2008 ئولىمپىكىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ باردى. Athens : Activists attend the lighting ceremony of a global human rights torch relay in Athens, 09 August 2007. AFP PHOTO / Aris Messinis

1979- يىلى سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ قىزىل ئارمىيىسى ئافغانىستانغا بېسىپ كىردى. سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستانغا بېسىپ كىرىشى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ 1980- يىللىق موسكۋا ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، شۇنىڭغا جاۋابەن 1984- يىلدىكى لوس ئانجېلېس ئولىمپىكىگە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىمۇ قاتناشمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، 1984- يىللىق لوس ئانجېلېس ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلغان ئىدى. شۇندىن ئېتىبارەن ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش ۋە ئولىمپىكنى سىياسىيلاشتۇرۇش ئاتالغۇسى ئولىمپىك مەيدانىدىن غايىپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئۆز ۋاقتىدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا بەرگەن ۋەدىلىرىنى قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، يېقىندىن بۇيان، 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش پىكرى يەنە ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يېڭىسى، 9- ئاۋغۇست گرېتسىيىنىڭ پايتەختى ئافېنادا ئېلىپ بېرىلغان " كىشىلىك ھوقۇق مەشئىلى " نى يەتكۈزۈش پائالىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك مۇراسىمغا 300 گە يېقىن ئادەم قاتناشقان

9 ‏- ئاۋغۇست كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن يۈزلىگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى گرېتسىيىنىڭ مەركىزى ئافىنا شەھىرىدە يىغىلىپ، دۇنياۋى" كىشىلىك ھوقۇق مەشئىلى يەتكۈزۈش" پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، خىتاينىڭ ناچار كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئاشكارىلىدى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى. مەزكۇر نامايىشنى فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى ئاساسلىق تەشكىللىگەن بولۇپ، " كىشىلىك ھوقۇق مەشئىلى يەتكۈزۈش" پائالىيىتىگە 25 دۆلەتتىن كەلگەن كىشىلەر قاتناشقان.

گرېتسىيە ئولىمپىك يىغىنى دۇنياغا كەلگەن جاي. گرېتسىيە پايتەختى ئافېنادا يازلىق ۋە قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنىڭ مەشئەل ياندۇرۇش مۇراسىملىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى تەشكىللىگەن پەيشەنبە كۈنىدىكى 3 سائەتلىك كىشىلىك ھوقۇق مەشئىلىنى ياندۇرۇش مۇراسىمىمۇ خۇددى ئولىمپىك مەشئىلىنى ياندۇرۇش مۇراسىمى تۈسىگە كىرگەن بولۇپ، قەدىمىي گرېكچە كىيىنگەن بىر قىز مەشئەلنى ياندۇرغان. مۇراسىمغا خىتاي ، گرېكلەر ۋە باشقا چەتئەللىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 300 گە يېقىن ئادەم قاتناشقان.

بايقۇت قىلىش چاقىرىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشى مۈمكىن

Afina-Meshel-200.jpg
ئافىنادا، "كىشلىك دەپسەندىچىلىگى بىلەن بېيجىڭ ئولىمپىكى بىر ۋاقىتتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ" دېگەن شۇئار ئالدىدا، ئولىمپىك مەشئەلى تۇتقان ئايال. Athens : Women, playing the role of priestesses, hold torches in front of a banner reading "Human rights abuse cannot co-exist with Beijing Olympics" during the lighting ceremony of a global human rights torch relay in Athens, 09 August 2007. AFP PHOTO / Aris Messinis

يىغىلىشقا قاتناشقان كانادانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋىد كىلگور": بىز بېيجىڭدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىشىمىز كېرەك. ئۇلار بۇ يەردە بىر چوڭ مەسىلىنىڭ، بىر دۇنياۋى مەسىلىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىغاندەك قىلىدۇ . بۇ مەسىلە چوقۇم ھەل قىلىنىشى كېرەك. بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلساق ئۇلار ھەرىكەتكە كېلىشى مۇمكىن" دېدى ۋە ئامېرىكىلىق كىنو چولپىنى ئىجتىمائىي پائالىيەتچى مىيا فارۋو 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنى قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى دەپ ئاتىغاندىن كىيىن ، خىتاينىڭ دارفۇر مەسىلىسىدە تىز ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى، بۇ قېتىم "قانلىق يىغىم ئولىمپىكى" ھەققىدە سۆز ئاچسا خىتاينىڭ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇشى ۋە بىگۇناھ ئادەملەرنى ئىچكى ئەزا ئۈچۈن ئۆلتۈرۈشنى توختىشى مۇمكىنلىكنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كىلگور، " ئادەم ئىچكى ئەزا يىغىمى" تېمىلىق دوكلاتنىڭ ئاپتورى بولۇپ، ئۇ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئۆز نىزامنامىلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىنى كۆرمەسلىككە سالغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى جەكۇس روججىنىڭ دۈشەنبە كۈنى " ئولىمپىك ھەممىنى قۇتقۇزىدىغان دورا ئەمەس" دەپ ئېيتقانلىرىغا قارىتا، " ئۇنىڭ گەپلىرى بىر ئەخلەت، جەكۇس روججى چوقۇم ئولىمپىك نىزامنامىسىدە ئادەمنىڭ قەدرى ‏- قىممىتى تەكىتلىنىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك " دېدى.

بىل رىچاردسون": بىز ئۇلارغا ئولىمپىككە بارمايمىز دەيمىز"

گەرچە ھازىرچە بىرەر دۆلەت 2008- يىلى بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش قارارىنى ئالمىغان بولسىمۇ، 8- ئاۋغۇست دانا روباككېر قاتارلىق 8 نەپەر ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئاۋام پالاتا ئەزالىرى قارا لايىھىسى ماقۇللاپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بوشقا، ئەگەر خىتاي 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىدىن بۇرۇن ئۆزى ۋەدە قىلغان كىشىلىك ھوقۇقىنى خەلقىگە بەرمىسە، دارفۇردا قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان سۇدان ھۆكۈمىتىنى قوللاشنى توختاتمىسا بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشنى ئويلىشىپ قويۇش تەكلىپىنى بەرگەن.

بۇندىن بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى، ئامېرىكىنىڭ 2008- يىللىق پرېزىدېنت سايلىمى نامزاتى بىل رىچاردسون دارفۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا خىتاينىڭ سۇداندىكى كۈچلۈك تېزىسلىرى سەۋەبلىك، خىتايغا تايىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە " ئەگەر خىتايلار شۇنداق قىلىشنى خالىمىسا، بەلكىم بىز ئۇلارغا ئولىمپىككە بارمايمىز دېيىشىمىز مۇمكىن" دېگەن ئىدى.

بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە،، مەزكۇر " كىشىلىك ھوقۇق مەشئىلى" نى يەتكۈزۈش پائالىيىتى، ياۋروپا، ئاسىيا، شىمالىي ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە قىتئەلىرىگە جايلاشقان 25 دۆلەتتىكى 100 دىن ئارتۇق شەھەردە توختاپ ئۆتىدىكەن.

رابىيە قادىر خانىم": بېيجىڭ ئولىمپىكى چوقۇم بايقۇت قىلىنىشى كېرەك"

ھازىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ ئولىمپىككە قارشى بىر قاتار نامايىش ۋە باشقا پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى بارلىقىنى بىلدۈردى.

-8ئاۋغۇست ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا، خىتايدىكى كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكنى ئەيىبلەپ ئېلىپ بېرىلغان نامايىش جەريانىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ " ئەگەر خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشتا جىددىي ھەرىكەت قوللانمىسا 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكنى چوقۇم بايقۇت قىلىش كېرەك" دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.