كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ يېڭى مەتبۇئات بەلگىلىمىسىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا


2007.01.03

olimpik-200.jpg
بىر ئايال 2008 – يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك لوگوسى يېنىدىن ئۆتمەكتە. AFP

خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 -يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەزگىلىدە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ خىتايدىكى خالىغان جاينى ساياھەت قىلىش ۋە خالىغان كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلىش ھەققىدىكى يېڭى بەلگىمىسىنى 2007 - يىلى 1 - يانىۋاردىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىدى.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسىدە، چەتئەللىك مۇخبىرلار ئولىمپىك يىغىنى جەريانىدا خىتايدىكى خالىغان جاينى ساياھەت قىلىش ۋە خالىغان كىشىلەر بىلەن يەرلىك دائىرىلەرنىڭ رۇخسىتىسىز سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئەركىنلىكىگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلىش 2008 - يىلى - 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن كېيىن بىكار قىلىنماقچى. كۆزەتكۈچىلەر، يېڭى بەلگىلىمىنىڭ ئۆتكۈنچى تەدبىر بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ بەلگىلىمىنى قايسى دەرىجىدە ئىجرا قىلىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا.

بەلگىلىمە يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى زىيارەت

خىتاي دۆلەت ئىشلار كابىنتىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى مەسئۇلى سەي ۋۇ، ئەگەر جۇڭگونى چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئېچىۋېتىش بەلگىلىمىسى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانسا ۋە جۇڭگونىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە ياردىمى تەگسە، بۇ بەلگىلىمىنى ئۆزگەرتىشكە ھاجەت قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ يېڭى ئاخبارات بەلگىلىمىسى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگۈچى ساھىبخان دۆلەت، چوقۇم خەلقئارا مەتبۇئاتلىرىنىڭ شۇ دۆلەتتە ئەركىن خەۋەر بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلغان بولۇشى كېرەك، دەيدىغان تەلىپى ئاستىدا چىقىرىلغان بولۇشى مۇمكىن. خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭى ئاخبارات بەلگىلىمىسىنى يولغا قويغان شۇ كۈنى چەتئەللىك مۇخبىرلار خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۇرۇنقى باش سېكرېتارى جاۋ زىياڭنىڭ كاتىپى باۋ تۇڭنى زىيارەت قىلدى. جاۋ زىياڭ 1989 - يىلى تيەنئەنمىن ۋەقەسىدە ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، باۋ تۇڭ كومپارتىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە 8 يىل تۈرمىدە ياتقان ئىدى. بۇ باۋ تۇڭنىڭ تۈرمىدىن چىققاندىن بېرى تۇنجى قېتىم چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىناتتى. ئۇ، سەيشەنبە كۈنى رادىئومىزغا بېيجىڭ ھۆكۈمىتى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئۆزىنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇپ، "لېكىن مەملىكەت ئىچىدىكى مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇلمىغانلىقىنى چۈشەنمىدىم " دەيدۇ. ئۇ، "مەن چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى مەتبۇئاتلار چوقۇم زىيارەت قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك، دەپ قارايمەن. لېكىن يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، گېزىتلەر ۋە يەرلىك مەتبۇئاتلار بىر قېتىم بولسىمۇ مېنى زىيارەت قىلىپ باقمىدى. بۇ بىر ئەمەلىيەت" دەپ كۆرسەتتى.

يەرلىكنىڭ بەلگىلىمىنى قانچىلىك ئىجرا قىلىشى مۇھىم

خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار مەزكۇر بەلگىلىمىنى قارشى ئېلىشقا تېگىشلىك ئىلگىرىلەش، دەپ تەكىتلىسىمۇ، لېكىن بۇنىڭغا يەنىلا گۇمانلىنىش پوزىتسىيىسى تۇتماقتا. ئۇلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ يەردىكى تۈپكى مەسىلە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ بەلگىلىمىنى قايسى دەرىجىدە ئىجرا قىلىدىغانلىقىدۇر.

ئامېرىكا "ھەپتىلىك خەۋەرلەر" ژورلىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مالىندا ليۇ، "بۇ قارشى ئېلىشقا تېگىشلىك ئىلگىرىلەش بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەرلىك ئەمەلدارلارغا ياخشى چۈشەندۈرۈلمىسە، ئۇنى ئىجرا قىلىش يەنىلا بىر مەسىلە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن" دەيدۇ. يېڭى بەلگىلىمىدە چەتئەللىك مۇخبىرلار خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى ساياھەت قىلسا ياكى شۇ جايدىكى بىرەر كىشىنى زىيارەت قىلماقچى بولسا، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش ھاجەتسىز. لېكىن چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي مۇخبىرلارنىڭ سىياسىي سالاھىيىتى سەزگۈر كىشىلەر ياكى ئۆكتىچىلەر شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تىبەتكە ئوخشاش سىياسىي ۋەزىيىتى سەزگۈر جايلاردا زىيارەت ئېلىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ

لېكىن ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى كىشىلىك ھوقۇقى پروگراممىسىنىڭ مەسئۇلى ئالىم سېيتوپ، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئۇ ئا ر غا بېرىشىغا يول قويغان تەقدىردىمۇ، لېكىن زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نيۇ - يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جوسېپ كان، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئۇلار خالىمايدىغان خەۋەرلەرنى بېرىشىنى توسايمەن دىسە، ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي بەلگىلىمىلىرىدىن سىرت، مۇخبىرلارنى چەكلەيدىغان نۇرغۇن باھانە - سەۋەبلەرنى تاپالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خىتاي توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىدە خىتاينىڭ ئىجابىي تەرىپى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن خەۋەرلەرنىڭ نىسبىتى ناھايىتى ئاز، دەپ ئەيىبلىمەكتە.

خىتاي دۆلەت ئىشلار كابىنتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى سەي ۋۇ، كۆپ قىسىم چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنى خىتاي ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلماقتا، دەپ ئەيىبلىگەن. لېكىن خىتاينىڭ شىنجېن شەھىرىدىكى ئىنتېرنېت يازغۇچىسى جاۋ داگۇڭنىڭ قارىشىچە، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاخبارات پرىنسىپى خىتاينىڭكى بىلەن ئوخشىمايدۇ. شۇڭا سەي ۋۇنىڭ تەنقىدى ئاساسىز. ئۇ، "ئەمەلىيەتتە بۇ يەردىكى ئاساسىي مەسىلە جۇڭگو ھەققىدىكى سەلبىي خەۋەرلەرنىڭ كۆپ بولۇشى جۇڭگودىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆتكۈرلىشىۋاتقانلىقىدىندۇر " دەيدۇ. جاۋ داگۇڭ، خىتاي دائىرىلىرىنى چەتئەللىك مۇخبىرلارغا ئەمەس، خىتاي پۇقرالىرىغا تەلىم بېرىش كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى،" جۇڭگو دائىرىلىرىنىڭ چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جۇڭگو پۇقرالىرىغا تەھدىت سالماسلىقى ۋە ئۇلارنى كونترول قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلدى".

خىتاي خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ 2006 - يىلى 12 - ئايدىكى دوكلاتىدا دۇنيا بۇيىچە تۈرمىگە سولانغان مۇخبىرلار سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت، دەپ ئېلان قىلىندى. چېگىرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 1998- يىلدىن بېرى ھەر يىلى خىتاينى مۇخبىرلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ كەلمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.